تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

تىيانشان يېزىسىدا سالقىنلاش

شىنجاڭ ئاخبارات لىنىيەسى تورى خەۋىرى (مۇخبىر ساۋ شىنجيا): تىيانشان تېغى جىلغىسى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان قومۇل ئېۋىرغول رايونى تىيانشان يېزىسىدا كىشىلەر تار ۋە ئۇزۇن تاغ جىلغىسىدا دەريانى بويلاپ ئولتۇراقلاشقان، سالقىن، جىمجىت ياز كۈنلىرىدە تىيانشان يېزىسى كىشىلەرنىڭ ئىستىراھەت قىلىپ، ئىسسىقتىن دالدىلىنىدىغان ياخشى جايىغا ئايلانغان. 

تىيانشان يېزىسىنىڭ ئوت-چۆپلىرى ياپيېشىل، ھەر خىل تاغ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغان، ئالتۇن رەڭلىك ئۆرۈكلەرنىڭ شاخلىرى ئېگىلگەن؛ قارلىق تاغلاردىكى قارلارنىڭ ئېرىشىدىن شەكىللەنگەن دەريا ئېقىنلىرى ئۆركەشلەپ ئېقىپ، قومۇلدىكى مۇھىم شىچېڭزى سۇ ئامبىرىغا سۇ مەنبەسى تولۇقلايدۇ، شۇنداقلا كەنتلەرنى ياشارتىپ سالقىنلىتىدۇ؛ تەكشى ئاسفالىت يول كەنتلەرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، كىشىلەر مۇھىتقا قاراپ ئارامگاھ قۇرۇپ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆز ھويلا-ئارانلىرىدىلا ھەميانلىرىنى توپمايتتى.

شەھەر رايونىدىكى كىشىلەر يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئۆزلىرىگە تۇز ۋە زىرە سېپىپلا كاۋاپقا ئايلاندۇرغىلى تاسلا قالدى، 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تىيانشان يېزىسى سىزنى ئىسسىقتىن خالاس قىلىدۇ، يەنە نېمىنى ساقلاۋاتىسىز، ئائىلىڭىزدىكىلەرنى ئېلىپ، يېقىن دوستلىرىڭىزنى چاقىرىپ، تىيانشان يېزىسىغا بېرىپ سالقىنداپ كېلىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : mutallip

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ساياھەت كۈنى: شىنجاڭ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىي ساياھەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى
  • موڭغۇلكۈرەنىڭ مەنزىرە رايون ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇشتىكى يېڭى ئەندىزىسى ئالقىشلاندى
  • باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش