تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئىنسۇلىننى ئاغرىتماي ئۇرۇشنىڭ ئەپچىل چارىسى

  خەلق تورى خەۋىرى: دىيابېت بىمارلىرىنىڭ ئىنسۇلىن ئۇرۇشنى خالىماسلىقىدىكى سەۋەبلەر كۆپ تەرەپلىمە بولىدۇ، ئاغرىشتىن قورقۇش بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئۇنداقتا ئاغرىقنى يېنىكلىتىشكە ياكى پەقەتلا ئاغرىتماسلىققا ئامال بارمۇ-يوق؟ ئەلۋەتتە بار.

  1. ئوكۇل ئۇرۇشتىن بۇرۇن ئىنسۇلىننى ئۆي تېمپېراتۇرىسى مۇھىتىدا قويۇش.

  توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش بۆلمىسىدىن ئەمدىلا ئالغان ئىنسۇلىننىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، بەدەنگە بىۋاسىتە ئۇرغاندا ئاغرىيدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى ئىنسۇلىننى نورمال تېمپېراتۇرىدا 10~5 مىنۇتقىچە قويۇپ ياكى قول بىلەن بىردەم سىقىمداپ تۇتۇپ تۇرۇپ ئاندىن ئۇرغاندا ئاغرىش سېزىمى كۆرۈنەرلىك يېنىكلەيدۇ. ئاغزى ئېچىلغان ئىنسۇلىننى ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا ساقلىسىلا بولىدۇ.

  2. ئادەتتىن تاشقىرى ئىنچىكە، قىسقا يىڭنىنى تاللاش.

  يىڭنە قانچىكى ئىنچىكە بولسا، ئاغرىق شۇنچە يېنىك بولىدۇ. ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ ئىنچىكە تېرمونانوس 34G ئىنسۇلىن ئوكۇل يىڭنىسىنىڭ سىرتقى دىيامېتىرى ئاران 0.18mm بولۇپ، بەدەنگە ئۇرغاندا ئاساسەن ئاغرىتمايدۇ.

  3. ئوكۇل يىڭنىسىنى داۋاملىق ئالماشتۇرۇش.

  يىڭنىنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتى ئۇزىراپ قالغاندا، ئاسانلا گاللىشىپ قالىدۇ ياكى ئېگىلىپ كېتىدۇ، ئوكۇل ئۇرغاندا ئاسانلا ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، 5~3 كۈنگىچە ئىشلەتكەندىن كېيىن، يىڭنىنى بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش كېرەك. ناۋادا ئىقتىسادىي شارائىت يار بەرسە، ھەر قېتىمدا يېڭى يىڭنە ئىشلەتكەن ياخشى.

  4. ئىسپىرت قۇرۇغاندىن كېيىن ئاندىن ئوكۇل ئۇرۇش.

  ناۋادا تېرىنى دېزىنفېكسىيەلىگەن ئىسپىرت قۇرۇمىغان ئەھۋالدا ئوكۇل ئۇرغاندا، ئىسپىرت يىڭنە تۆشۈكىنى بويلاپ تېرە ئاستىغا كىرىپ ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، چوقۇم ئىسپىرت پۈتۈنلەي قۇرۇغاندىن كېيىن ئاندىن ئوكۇل ئۇرۇش كېرەك.

  5.ئوكۇل ئۇرىدىغان تېرىنى قول بىلەن چىمداپ تۇرۇش.

  ئوكۇل ئۇرغاندا ئالدى بىلەن ئوكۇل ئۇرۇلىدىغان جاينىڭ تېرىسىنى ئۈچ سانتىمېتىر كەڭلىكتە يېنىككىنە چىمداپ، يېنىك ئاغرىغاندىن كېيىن ئاندىن ئوكۇل ئۇرسا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئوكۇل ئۇرۇشقا قولايلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئوكۇل ئۇرغاندا يىڭنە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاغرىق سېزىمىنى تارقاقلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

  6. تېز سۈرئەتتە يىڭنە سانجىش، يىڭنە سانجىش بىلەن يىڭنە تارتىشتا ئوخشاش بىر يۆنىلىشنى ساقلاش.

  يىڭنە سانجىغاندا تېز، كەسكىن بولۇش كېرەك، يىڭنە سانجىش قانچە ئاستا بولسا، ئاغرىق سېزىمى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ؛ ئوكۇل ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى يىڭنە سانجىش يۆنىلىشىنى بويلاپ، دەرھال يىڭنىنى تارتىۋېلىش كېرەك.

  7.مۇسكۇلنى ئەركىن قويۇۋېتىشكە دىققەت قىلىش.

  جىددىيلىشىشتىن ساقلىنىش، ئوكۇل ئۇرىدىغان ئورۇندىكى مۇسكۇللارنى ئەركىن قويۇۋېتىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ئوكۇل ئۇرغان ئاغرىق ۋە بىئاراملىقنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

  8. ئوكۇل ئۇرىدىغان ئورۇننى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش.

  ئوكۇل ئۇرىدىغان ئورۇننى پات-پات ئالماشتۇرۇش، كېيىنكى قېتىملىق ئوكۇل ئۇرۇش ئورنى بىلەن ئالدىنقى قېتىملىق ئوكۇل ئۇرۇش ئورنىنىڭ ئارىلىقى ئىككى سانتىمېتىردىن چوڭ بولۇش، تېرە يۇقۇملانغان جاي ۋە تېرە ئاستى قاتتىق تۈگۈنىدىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى