تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

شايار ناھىيەسى: لازىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، خىزمەت ئەترىتى ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى

    يېقىندا، شايار ناھىيەلىك سۇ باشقۇرۇش باش پونكىتىنىڭ شايار ناھىيەسى يانتاقشەھەر يېزسى بەخت كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ھۈسەن تۇردى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ،  نامرات ئائىلە رابىيەم زاھىتقا لازا ئۈزۈشۈپ بەردى.

    رابىيەم زاھىت خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«خىزمەت ئەترىتى ماڭا پارنىكنى قانداق باشقۇرۇشنى ئۆگەتتى، يەنە ماڭا ياردەم قىلىپ خېرىدار بىلەن ئالاقىلىشىپ بەردى، ھازىر لازىلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى يامان ئەمەس، مۆلچەرىمچە بۇ يىل لازادىنلا  5000~6000 يۈەنگىچە كىرىم قىلالايمەن.»

    «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پارنىكتا كۆكتات تېرىش ئاكتىپلىقى ناھايىتى يۇقىرى، خىزمەت ئەترىتى ئاكتىپلىق بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا-ئاراندىن پايدىلىنىپ كۆكتات تېرىشىغا ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىرىنىڭ كۆكتات يېيىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماستىن، يەنە كۆكتات سېتىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بىر ئىشتىن ئىككى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ھۈسەن تۇردى.

    (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ئىشخانىسىدىن گۈلەيسەم مىجىت تەمىنلىگەن)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى