تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32 بولىدۇ

  مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋىرى: بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭدىكى چۆچەك شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، بورتالا شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى، شىخەنزە شەھىرىدە يامغۇر ياغىدۇ، باشقا رايونلاردا ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدۇ. شەرقىي شىنجاڭدىكى قومۇل شەھىرىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقىتىلدى، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

    ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا سەل تۆۋەنلەيدۇ. بۈگۈنكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃23 بولىدۇ، 3 بال شامال چىقىدۇ.

  ھاۋا ئىسسىشى بىلەنلا كۆپلىگەن دوستلار ھاۋا تەڭشىگۈچكە تايىنىپ سالقىنلايدۇ، ئەمما بەزى دوستلار ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيدە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرغاندا بىر خىل بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب ھاۋا تەڭشىگۈچ ئاچقاندا دېرىزىلەر يېپىق ھالەتتە بولغاچقا، ئۆي ئىچىدىكى ئوكسىگېن ئۈزلۈكسىز خوراپ، تولۇقلاشقا ئېرىشەلمەيدۇ-دە، ھاۋادىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئۆرلەپ، ھاۋا بۇلغىنىپ كېتىدۇ. بىر قىسىم بۇرۇن ياللۇغى ياكى سوغۇق ھاۋاغا سەزگۈر كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، تەبىئىيلا بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. شۇڭا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى، دائىم دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئۆي ئىچى-سىرتىدىكى ھاۋانىڭ ئالمىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش كېرەك. 

  ئاخىرىدا تاشيول ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتىغا دىققەت قىلىپ باقايلى. بۈگۈن G30 لىنىيەسى، G312 لىنىيسەنىڭ تۇرپاندىن شىڭشىڭشياغىچە بولغان بۆلىكى، G314 لىنىيەسىنىڭ شياۋساۋخۇدىن كۈمۈشكىچە بولغان بۆلىكىدە تېمپېراتۇر ℃37تىن يۇقىرى بولىدۇ، G30 لىنىيەسى، G312 لىنىيسەنىڭ شياۋساۋخۇدىن پىچانغىچە بولغان بۆلىكى، يەندۇندىن شىڭشىڭشياغىچە بولغان بۆلىكى، G314 لىنىيەسىنىڭ شياۋساۋخۇدىن توقسۇنغىچە بولغان بۆلىكىدە تېمپېراتۇرا ℃40تىن يۇقىرى بولۇپ، قىسمەن جايلاردا ℃42تىن ئاشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى