تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ئېمىتىش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، ئانىنىڭ يۈرىكى شۇنچە ساغلام بولىدۇ

  بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلغاندا، ئانىنىڭ كېيىنكى ئۆمرىدە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدىكەن.

  تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلىنىش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، ئانا يۈرىكىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىشى شۇنچە كۈچلۈك بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بايقاشلار ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ساغلاملىققا بولغان پايدىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپات بىلەن تەمىنلىگەن، شۇڭا ئانىلار ئامال بار بالىنى ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

  ئىلگىرىكى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى ئەسەبىيلىشىش كېسىلى ۋە بەزى راك كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ يەنە ئانىنىڭ ساغلام بولغان بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش ۋە قاندىكى شېكەر ماددىسىنى تەڭشەشكە ياردىمى بولىدىكەن، ۋاھالەنكى بۇ پايدىلىق تەرەپلەر ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرغان ئانا تېنىدىكى پرولاكتىن سەۋىيەسىنىڭ نىسبەتەن يۇقىرى بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

  يېقىنقى نۇرغۇن تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، پرولاكتىن دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتەلەيدىكەن، ئەمما دىيابېت كېسىلى قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئاساسلىق خەۋپ ئامىلى ئىكەن. يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى يەر شارىدىكى ئاياللارنىڭ ئۆلۈشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ قالغان، لېكىن ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ يۈرەك كېسىلى خەۋپىنى ئۇزۇن مۇددەت قوغداشتىكى رولى تېخى يېتەرلىك تەتقىقاتقا ئېرىشەلمىگەن.

  بۇ تەرەپتىكى تەتقىقاتنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئافېنا داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ھەيز توختىغاندىن كېيىن، ئاياللارنىڭ يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى بىلەن ئۇلارنىڭ ئانا سۈتى تارىخى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۆلچەپ چىققان.

  بەدەن ئېغىرلىقى، يېشى، خولېستېرىن سەۋىيەسى ۋە تاماكا چېكىش ئادىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا يۈرەك قان تومۇر خەۋپى ئامىللىرىنى تەڭشىگەندىن كېيىنكى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بالىنى ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرغاندا ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلى ۋە يۈرەك كېسىلى خەۋپى كۆرسەتكۈچى سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن، ئەمما بۇ خىل تەسىر ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزۇن بولغان ئاياللاردا كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. بىراق، بۇ پەقەت بىر باغلىنىشلىق تەتقىقات بولۇپ، كېيىن ئەگەردە ئانا سۈتىنىڭ نېمە ئۈچۈن قوغداش رولىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلانسا، ئۇنداقتا ئانا سۈتىنىڭ ئانا ۋە بالىلارنىڭ قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلانغاندىن باشقا، ئاياللارنىڭ بالىلىرىنى ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشىغا تېخىمۇ كۆپ ئاساس بولالايدىكەن.

  -خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى