تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ 2019- يىللىق دۇنيا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى 2019- يىللىق دۇنيا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل يىغىنى 7- ئاينىڭ 2- كۈنى خەينەن بوئاۋدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نۆۋەتتە يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ پەيدا بولۇشى، گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپى تېز سۈرئەتلىك تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا كىرىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا كۈچلۈك يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇپلا قالماي، يەنە پارنىك گازىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاشقىمۇ ياردەم بېرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىللە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئالاقىدار كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، پاكىز گۈزەل دۇنيا قۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلارنىڭ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى، يېڭىلىق يارىتىلغان پەن - تېخنىكا تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.