تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتلەشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر بەي جيې) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7- ئاينىڭ 2- كۈنى خەلق سارىيىدا تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ئوخشاشلا مۇھىم يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلىتى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى دۆلەت سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىر - بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردىكى يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگو - تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر ساغلام، مۇقىم يولدا يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەقىقىي ھەرىكەت قوللىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ ھەرقانداق كۈچنىڭ تۈركىيەدە جۇڭگوغا قارشى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەنلىكىنى تەرىپلەيدۇ، تۈركىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەنلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، تۈركىيە تەرەپ بىلەن خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش كېرەك. تۈركىيە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى مۇھىم ھەمراھ، جۇڭگو تەرەپ تۈركىيە تەرەپ بىلەن بىللە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن «ئوتتۇرا كارىدور» پىلانىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، سودا، سېلىنما، پەن - تېخنىكا، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە ھەم مۇھىم، زور تۈرلەر ھەمكارلىقىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تۈرلىرى ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانا ۋە خەلق ئاممىسىنى جۇڭگو - تۈركىيە ھەمكارلىقىدىن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى خالايدۇ. ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە ساياھەت ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - تۈركىيە دوستلۇقىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەتتە غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگو - تۈركىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قەتئىي قوغداپ، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تىرىشىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ رايون ئىشلىرىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ، ئالاقىدار قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

ئەردوغان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مىڭ يىللىق قەدىمىي يىپەك يولى ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلغان تۈركىيە - جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، بۈگۈنكى كۈندە يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. قويۇق تۈركىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى رايون تىنچلىقى، گۈللىنىشىگە نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈركىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچەيدۇ. تۈركىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو شىنجاڭ رايونىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى داۋامىدا بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقى ئەمەلىيەت، تۈركىيە تەرەپ ھەرقانداق كىشىنىڭ تۈركىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىشىغا يول قويمايدۇ. تۈركىيە ئەسەبىزمگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. تۈركىيە - جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، تۈركىيە تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدە سودا، سېلىنما، پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقى، ئۇل ئەسلىھە، بەشىنچى ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش، ئاقىل شەھەر قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى، مائارىپ، مەدەنىيەت، پەن تەتقىقات قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا ئەردوغان ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ياڭ جيېچى، جى بىڭشۈەن، ۋاڭ يى، شيا باۋلۇڭ، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.