تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قانۇنغا خىلاپ ئېغىر قىلمىشلارنى ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرغىچە سۈرۈشتۈرۈشىنى قەتئىي قوللايمىز

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

7- ئاينىڭ 1- كۈنى، شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە زاتلار شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەيدىغان قۇتلۇق كۈن. بىراق، بىر قىسىم ئەسەبىي رادىكال ئۇنسۇرلار ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشىگە قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، قانۇن چىقىرىش كېڭىشى بىناسىغا زوراۋانلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلدى. بۇ، شياڭگاڭنىڭ قانۇنچىللىقىنى ئېغىر دەپسەندە قىلغانلىق، شياڭگاڭنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىگە ئىنتايىن زور بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» تۆۋەن چېكىگە ئاشكارا خىرىس قىلغانلىق.

تۆمۈر كالتەك، تۆمۈر قەپەزلىك ئاپتوموبىل بىلەن قانۇن چىقىرىش كېڭىشى بىناسىنىڭ ئەينەكلىك سىرتقى تېمىنى بۇزۇش، زەھەرلىك خىمىيەلىك پاراشوك بىلەن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش، قانۇن چىقىرىش كېڭىشى بىناسىغا زورلۇق بىلەن بۆسۈپ كىرىش، ھەيۋەتلىك كېڭەش زالى ۋە ئالاھىدە رايون رايون بەلگىسىنى خالىغانچە بۇزۇۋېتىش... قانۇن - ئىنتىزامنى كۆزگە ئىلمىغان بۇنداق زوراۋانلىق قىلمىشى كىشىنى ئىنتايىن چۆچۈتىدۇ، ئېچىندۇرىدۇ، غەزەپلەندۈرىدۇ! بۇنىڭغا ھەرقانداق بىر دۆلەت، ھەرقانداق بىر جەمئىيەت ھەرگىز تاقەت قىلىپ تۇرمايدۇ. مەركەز باش مەمۇر لىنجېڭ يۆئې ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى قەتئىي قوللايدۇ، شياڭگاڭ ساقچى تەرەپنىڭ قانۇننى كەسكىن ئىجرا قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى ئاخىرغىچە سۈرۈشتۈرۈپ، جەمئىيەت تەرتىپى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشىنى قەتئىي قوللايدۇ.

قانۇنچىللىق شياڭگاڭنىڭ نېگىزىنىڭ بىرى، شۇنداقلا شياڭگاڭنىڭ يادرولۇق قىممىتى. ئۇزاقتىن بۇيان، شياڭگاڭ ۋە شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ جىسمىدا نامايان بولغان قانۇنغا رىئايە قىلىش روھى كەڭ تەرىپلەشكە ئېرىشكەن، ئاز ساندىكى كىشىلەر تەرىپىدىن داغ تەگكۈزۈلسە بولمايدۇ. قانۇنچىل جەمئىيەت ئوخشاش بولمىغان سادالارنى سىغدۇرۇشقا موھتاج، ئەمما، بۇ، ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قوللانسا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەلىرىنىڭ ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىلىدىغانلىقىدىن تېخىمۇ دېرەك بەرمەيدۇ. قانۇنچىللىقنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى −− قانۇن بولغان ئىكەن جەزمەن ئاساسلىنىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈش. مەيلى قانداق ئادەم بولۇشىدىن، قانداق سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قانۇنغا خىلاپلىق قىلسىلا، قانۇن تەرىپىدىن سۈرۈشتۈرۈلۈشى كېرەك. قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغدىغان، قانۇننىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىغاندىلا، ئاندىن جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەم، تەرتىپلىك بولۇشىنى، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.

شياڭگاڭ كۆپ مەنبەلىك جەمئىيەت، بىر قىسىم مەسىلىلەردە ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنىڭ، ھەتتا مۇھىم، زور ئىختىلاپلارنىڭ ساقلىنىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، ئەمما ناۋادا «پان سىياسىيلاشتۇرۇش» قاينىمىغا پېتىپ قېلىپ، ئەتەي زىتلىشىش، قارشىلىشىش پەيدا قىلىنسا، ئۇنداقتا بۇنىڭ ھېچقانداق ئىشقا پايدىسى بولمايلا قالماي، بەلكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئېغىر توسالغۇ بولىدۇ. ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشىنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، ھەتتا سەتلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز ئىجتىمائىي تالاش - تارتىش پەيدا قىلىش، قانۇنسىز ھەرىكەتكە قۇترىتىش شياڭگاڭنىڭ خەلقئارالاشقان سودا چوڭ شەھىرى بولۇشتەك ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزدى، كەڭ شياڭگاڭلىقلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتى ۋە تۈپ بەخت - سائادىتىگە زىيان يەتكۈزدى. تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، شياڭگاڭ قانۇنچىللىقنى، تىنچلىقنى، ئىدراكنى، سىغدۇرۇشچانلىقنى قەدىرلەيدىغان جەمئىيەت، قانۇنچىللىق رامكىسى ئىچىدە دەۋا تەلىپىنى ئىپادىلەش، ئورتاق تونۇشنى كۆزلەش، رەزىللىكنى تۈگىتىش، بۇ، شياڭگاڭغا ھەقىقىي كۆيۈنىدىغان بارلىق ئاھالىلەرنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.

«ئىناقلىق بەخت، ئىناقسىزلىق ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ». شياڭگاڭنىڭ گەرچە خېلى ياخشى ئاساسى بولسىمۇ، ئەمما يەر شارىۋى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتقان، خەلقئارا رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ناھايىتى زور خىرىسقا دۇچ كەلدى، ئاۋارىچىلىككە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئىچكى خورىتىشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. مۇشۇ ۋاقىت، مۇشۇ پەيتتە، بىز شياڭگاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ شياڭگاڭنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق، شياڭگاڭ جەمئىيىتىدە ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇننى ھۆرمەتلەش، قانۇنچىللىقنى قوغداش ياخشى كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ رېئال تەخىرسىزلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. ئەسەبىي زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى كۈچلۈك ئەيىبلەپ، قانۇنغا خىلاپ ئېغىر قىلمىشنى ئاخىرغىچە سۈرۈشتۈرۈش، بۇ، ۋەتەننى، شياڭگاڭنى سۆيىدىغان بارلىق زاتلارنىڭ ئورتاق قەلب ساداسى، شۇنداقلا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ۋە شياڭگاڭنىڭ قانۇنچىللىقىنى قوغداشتا بولۇشقا تېگىشلىك ھەققانىيەت.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى