تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

«شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى دۇنيا دەرىجىلىك»

−«ساياھەتچىلەرنىڭ غەربكە ساياھىتىدىكى ئالتىنچى مەۋسۇم −گۈزەل مەنزىرىلىك جايلارنى تولۇق كېزىش» تور باش تېمىلىق تارقىتىش پائالىيىتى توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لى

«بۇ مېنىڭ ئۈچىنچى قېتىم شىنجاڭغا كېلىشىم، ھەر قېتىم كەلگىنىمدە ئوخشاش بولمىغان خۇشاللىقلارغا ئېرىشىمەن. شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى دۇنيا دەرىجىلىك، شىنجاڭغا كەلگەن فوتوگرافلار ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ، ئاپتوموبىلدا، يولدا توختىماي سۈرەتكە تارتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن مەن دائىم شىنجاڭغا كېلىپ تۇرىمەن، چۈنكى مەن <خۇمار> بولۇپ قالدىم» دېدى ئەمدىلا «ساياھەتچىلەرنىڭ غەربكە ساياھىتىدىكى ئالتىنچى مەۋسۇم − گۈزەل مەنزىرىلىك جايلارنى تولۇق كېزىش» تور باش تېمىلىق تارقىتىش پائالىيىتىنىڭ تور سىرتىدا مېڭىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ساياھەت بىلوگى ئىگىسى «ساياھەت فوتوگرافى − شياۋ فېيشۆ» مۇخبىرغا.

6- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 6- ئاينىڭ 29- كۈنىگىچە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 18 نوپۇزلۇق ساياھەتچى ھەمدە مەركەز تاراتقۇلىرىنىڭ ئون مۇخبىرى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ تور سىرتىدا مېڭىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

بۇ مەۋسۇملۇق پائالىيەتتە بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى مەخسۇس مەيدان قىلىنىپ، ساياھەتچىلەر بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى چوڭقۇر ساياھەت قىلىشقا يېتەكلىنىش بىلەن بىللە، مەركەز تاراتقۇلىرىنىڭ ئون مۇخبىرى تارباغاتاي، تۇرپان، قەشقەر قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، مەززىلىك تائاملىرى ۋە ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتى قاتارلىقلار ئورتاق تونۇشتۇرۇلۇپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ ئۆلچەمدە ھەقىقىي شىنجاڭ نامايان قىلىندى.

يول بويى مېڭىپ، يول بويى تەڭ بەھرىمەن بولۇش

«ساياھەتچىلەرنىڭ غەربكە ساياھىتىدىكى ئالتىنچى مەۋسۇمدە بىز بورتالا ئوبلاستىغا كەلدۇق، «جۇڭگونىڭ ئالقات ماكانى» جىڭ ناھىيەسىگە بېرىپ، تاتلىق ئالقاتقا ئېغىز تەگدۇق؛ مۇتتار قۇملۇقىدىن ئۆتۈپ، قۇمدا تېيىلىشنىڭ ئاجايىپ تۇيغۇسىدىن ھۇزۇرلاندۇق؛ شياۋ خەيزى، بايىنئامان، قويتاش جىلغىسى، سايرام كۆلىدىن ئۆتتۇق ھەم سايرام كۆلىدە كۆلنى ئايلىنىش مۇسابىقىسىنىڭ تۆتىنچى مۇسابىقە بۆلىكىدە چېمپىيوننىڭ بارلىققا كېلىشىگە گۇۋاھ بولدۇق؛ ئارشاڭ ناھىيەسىگە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ شىمال سەمەندەرىنىڭ ئۇماق بېلىجانلىرى بىلەن تونۇشتۇق؛ ئادۇنچۇلۇ تاش قاشا قەدىمىي قەبرىلەر توپىدا قەدىمكى ئىشلارنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدەندۇق؛ كىشىلەر قەدىرلەيدىغان ئالاتاۋ دۆلەت دەرۋازىسى قاتارلىق جايلاردا تۇردۇق، يول بويى كۈلكە ساداسى ئۈزۈلمىدى، بارلىق ئۇچراتقانلىرىمىزدىن مىننەتدار بولدۇق، كېيىن قايتا ئۇچرىشىشقا ئىنتىزار بولدۇق» دەپ يازدى ساياھەت بىلوگى ئىگىسى «شىيوۋجى» مىكرو بىلوگىدا.

«ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى كۆپكۆك سايرام كۆلىگە قاراپ تۇراتتى، يىراقتىكىسى تاغ چوققىسىغا قار يىغىلغان تىيانشان تاغ تىزمىسى، كۆز ئالدىمىزدىكىسى ياۋا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان كۆل قىرغىقىدىكى چىملىق بولۇپ، بۇ خىل مۇھىتتىن ئادەمنىڭ راستتىنلا ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايتتى».

«قايتىشقا كۆزۈم قىيمايۋاتىدۇ، شىنجاڭ بەك گۈزەلكەن، بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى، بۇ يەرنىڭ مەززىلىك تائاملىرى، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىلىرىنىڭ ئېسىللىقىدىن ئۆيگە قايتقۇم كەلمىدى».

...

پائالىيەت جەريانىدا، ساياھەتچىلەر بەس - بەستە مىكرو بىلوگ، ئۈندىدارىدا ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭغا بولغان ياخشى كۆرۈشىنى ئىپادىلىدى.

مۇتتار قۇملۇقىدا ساياھەتچىلەر قۇملۇقتا قانغۇچە ئويناپ، قۇم تېيىلىش تاختىسىدا ئولتۇرۇپ قۇم تېيىلىشنىڭ ھۇزۇرىنى سۈردى. ساياھەتچى «ۋېينى شياۋشيۇڭ» مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە مەيلى قانداق سالاھىيەتتە، قانداق ياشتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى ئىچ - ئىچىدىن كۈلەلەيدۇ».

تورداشلارنىڭ شىنجاڭغا بولغان تەلپۈنۈشى تولۇپ تاشتى

دالا ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ قۇمدا تېيىلىشنى ھېس قىلغاندا، كۆپچىلىك: «بەك قالتىس بولدى!» دەپ توۋلىشىپ كەتتى. مەخسۇس ئىستون يازغۇچىسى لى مۇ مىكرو بىلوگىدا: «تىك يۇقىرىغا ئۆرلەش، تىك تۆۋەنگە چۈشۈش تۇيغۇسى روھنى ئۇرغۇتۇپ، ئىرادىنى قاناتلاندۇرىدىكەن» دەپ بايان قىلدى.

بايىنئامان مەنزىرە رايونىغا بېرىش يولىدا، مودا ساياھەتچى − «بۇلۇت، ئېقىن سۇلاردىن ئولتۇرۇپ ھۇزۇرلىنىش» ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي مىكرو بىلوگىدا سۈرەت، يېزىق ئېلان قىلىپ ھاياجانلانغان ھالدا: «قارىماققا يېقىندەك كۆرۈنىدىغان تىيانشان تېغى، تۇيۇقسىز كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولغان دەنشيا يەر شەكلى، يېشىل تاغ باغرىدىكى رەڭلىك كىچىك ئۆي، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاپتوموبىل دېرىزىسىنىڭ سىرتىدىكى مەنزىرىلەر بولۇپ، كۆرۈپمۇ ئۈلگۈرەلمىدۇق. شىنجاڭ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى جاي ئىكەن» دېدى.

ساياھەتچىلەر ئېلان قىلغان سۈرەتلىك ئۇچۇرغا تورداشلار بەس - بەستە سۆز قالدۇردى: «بۇنى كۆرۈپ يازمۇ سالقىندەك بىلىندى» «شىنجاڭ مېنى ساقلاپ تۇر» «كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان شىنجاڭ» «گۈزەل شىنجاڭغا مەنمۇ بارىمەن» «شىنجاڭ مەن نەچچە قېتىم بېرىپمۇ يەنە بارماقچى بولغان جاي»...

ئالتىنچى مەۋسۇمنىڭ كۆرۈلۈش مىقدارى 240 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى

بۇ مەۋسۇملۇق پائالىيەتنىڭ تور سىرتىدا مېڭىش مەزگىلىدە، مەركەز تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ دەل ۋاقتى <نېفىت شەھىرى> قارامايدىكى يېشىل يېڭى ھايات» «<ۋانگوك موماي>نىڭ رەسىم قەلىمى ئاستىدىكى بەختلىك تۇرمۇش» «تارباغاتاي تەسىراتى: بىر تۈپ دۇب دەرىخى، ئۆرپ - ئادەتكە تولغان شەھەر» «<ئاسمانغا تايىنىپ تاماق يېيىش>تىن <تەربىيەلىنىپ ئىش ئورنىغا چىقىش>قىچە: بىر غاز تۇخۇمىدىن خوتەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىغا نەزەر» «بىر چاسا ياغاچ ئۈستەل بىلەن بىر تونۇرنىڭ ئالتۇن دەۋرى» قاتارلىق شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى نامايان قىلىدىغان چوڭقۇرلاشقان سۈرەت، يېزىقلىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى.

7- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە، ساياھەتچىلەرنىڭ غەربكە ساياھىتىدىكى ئالتىنچى مەۋسۇم پائالىيىتىنىڭ پۈتۈن توردا كۆرۈلۈش مىقدارى 240 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ توردا تارقىتىش مۇددىتى ئىككى ئاي داۋاملىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى