تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

«مەن مەڭگۈ كېچىڭىز كەنتىنىڭ بىر ئەزاسى»

− شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى كادىر، ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۇنتاغ يېزىسى كېچىڭىز كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى شاۋ شياڭلى توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۈي

بىر يېرىم يىللىق كەنتتە تۇرۇش تۇرمۇشىدا، شاۋ شياڭلى قارىداپ كەتتى. ئەمما ئۇ بۇنىڭغا قىلچە پىسەنت قىلماي، ئەكسىچە بۇنى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولغانلىقنىڭ گۇۋاھچىسى ۋە نەتىجىسى، دەپ قارىدى.

شاۋ شياڭلى ئالدى بىلەن جۇڭگو بانكىسى سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى كادىر سۈپىتىدە ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىگە كېلىپ خىزمەت قىلدى، ئارقىدىنلا يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ كەنتتە تۇرۇشنى ئىلتىماس قىلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق قىزغىنلىقىنى ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۇنتاغ يېزىسى كېچىڭىز كەنتىگە بېغىشلىدى. ئۇ: «مەن مەڭگۈ كېچىڭىز كەنتىنىڭ بىر ئەزاسى» دېدى.

بېيجىڭ، ئۈرۈمچى، ئاتۇش

4500 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپە كىشىلىك ھايات يېڭى يولىنى سۈرەتلىدى

2017- يىلى 8- ئايدا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى باشلىغان شاۋ شياڭلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۇنتاغ يېزىسى كېچىڭىز كەنتىگە بېرىپ قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى. ئەينى چاغدا ئۇ بىرقانچە ئايدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بۇ كەنتكە كېلىپ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

شاۋ شياڭلى ئۆزىنىڭ ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدا: «كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدۇ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلارنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشى سادىقلىققا مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا تەستە قولغا كېلىدىغان چېنىقىش» دېدى.

شاۋ شياڭلى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى، تىل ئالاقىسى، خىزمەت ئۇسۇلىنىڭ ھەممىسى ئورگاندىكىگە ئوخشىمايدۇ، نۇرغۇن خىزمەتنى بېشىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. شاۋ شياڭلى كەنتتە تۇرۇشنىڭ ئالدىدا، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان دادىسى ئۇنىڭغا تاپىلاپ ئېيتقان: كەنتتە خىزمەت قىلغاندا كەمتەر بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولۇش كېرەك، دېگەن سۆزلەرنى ئويلىدى.

شاۋ شياڭلى بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئۆگەندى، كەنتكە بېرىپ بىرنەچچە كۈن بولمايلا توختىماي ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىشقا باشلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى ئىگىلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى چامىنىڭ يېتىشىچە ھەل قىلىپ، كۆپچىلىككە «خىزمەت ئەترىتى چىن كۆڭلىدىن كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىكەن» دېگەننى ھېس قىلدۇرۇشقا تىرىشتى.

كەنت ئاھالىسى ئەلى مەمەتنىڭ ئوغلىنىڭ خىزمىتى يوق ئىدى، شاۋ شياڭلى ئۇنىڭغا ماي قاچىلاش پونكىتىدىن ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى تېپىپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئارقا - ئارقىدىن 30 نەچچە كەنت ئاھالىسىگە خىزمەت ئالاقىلىشىپ بەردى.

تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىسى ھۆرىخان جۈمە ئائىلىسىدىكى ئۈچ جان پاركىنسون يىغىندى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانىدى، شاۋ شياڭلى ئۆزى پۇل خەجلەپ ئۇلارغا دورا ئېلىپ بەردى.

ئۇ پۈتۈن كەنتتىكى 3800دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئاز دېگەندە ئۈچتىن بىرىنىڭ ئىسمىنى ئېسىدە تۇتۇۋالدى، بىر يىلدا 80 نەچچە توي مۇراسىمى، دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشتى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كەنتتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە. شاۋ شياڭلى«ئۈچ ئىشنى تەڭ قىلدى»: نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى ۋە تۈرىدىن تولۇق، جانلىق پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئارقىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش ئۈستىدە تولۇق ئىزدەندى.

6- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كېچىڭىز كەنتىدە سىم - سىم يامغۇر ياغدى، ئەلى ئۆيىدىكى ئىنەككە نۇرغۇن ئوت - چۆپ تەييارلىدى. ئەلى كەنتتىكى نامرات ئاھالە بولۇپ، بۇلتۇر خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، كەنتتىكى 150تىن ئارتۇق نامرات ئائىلە بىلەن بىللە كالا قوتىنى سېلىپ، ئىنەك باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇردى. كەنتتە بىر كىچىك تىپتىكى قېتىق زاۋۇتى بار بولۇپ، شاۋ شياڭلى كەلگەندىن كېيىن ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاشقا ياردەملەشتى، باقمىچىلار ھەر كۈنى سۈتنى بۇ يەرگە ئەكىلىپ بەردى، زاۋۇت پىششىقلىغاندىن كېيىن ئەتراپتىكى رايونلارغا ساتتى. ئەلى مۇنداق دېدى: «كەسىپ بولسىلا، ئىشچان ئادەم نامرات بولمايدۇ».

قەدىرىيە سەمى بۇ بىرنەچچە كۈندە كەنتتىكى توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا تەربىيەلىنىشنى قوبۇل قىلىپ، يانچۇق تىكىش، يەڭ تىكىشنى ناھايىتى ئىنچىكە ئۆگەندى. شاۋ شياڭلى ۋە خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، شېنجېننىڭ بىر كارخانىسى كەنتتە توقۇمىچىلىق زاۋۇتى قۇردى. بۇ زاۋۇتنىڭ مەسئۇلى ياڭ گۇاڭشېڭ مۇنداق دېدى: «زاۋۇت 200دىن ئارتۇق ئادەمنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالايدۇ.» بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شاۋ شياڭلى كەنتتىكى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختاش گىردابىغا بېرىپ قالغان پايپاق زاۋۇتىنىڭ «تىرىلىشى»غا ياردەم قىلىپ، 40تىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنى ئىشلەمچىلىككە قوبۇل قىلدى.

كېچىڭىز كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى خەيرۇللا ئەلا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: شاۋ شياڭلى ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بۇلتۇر مەبلەغنى ماسلاشتۇرۇپ، مەكتەپكە يېڭىدىن كۇتۇپخانا سېلىپ بەردى، تەنتەربىيە سايمانلىرى، كومپيۇتېر قاتارلىقلارنى سەپلەپ بەردى. خىزمەت ئەترىتى يەنە مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش فوندىنى ماسلاشتۇرۇپ، كەنتتىكى 100دىن ئارتۇق بالىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىغا ياردەم بەردى.

ئوغۇل، دادا

ئىككى نام كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇھەببىتىنى مۇجەسسەملىدى

قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش سەۋەبىدىن شاۋ شياڭلى كېچىڭىز كەنتىدىكى 65 ياشلىق كەنت ئاھالىسى خەلچىگۈل توختى بىلەن ئۈزۈلمەس رىشتە باغلىدى. ھازىر، شاۋ شياڭلى بۇ موماينىڭ «بېيجىڭلىق ئوغلى» بولۇپ قالدى.

خەلچىگۈلنىڭ ئېرى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن، ئىككى قىزى ياتلىق بولۇپ كەتكەن، ئۇ يالغۇز بىر نەۋرە قىزى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرەتتى، بىرىنچى قېتىم قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقاندا، خەلچىگۈلنىڭ ھەر يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قىشنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلگەن شاۋ شياڭلى ئالايىتەن تاپىلاپ: «ئۈرۈمچىگە بارغاندا چوقۇم ماڭا تېلېفون بېرىڭ» دېدى.

كېيىن شاۋ شياڭلىغا ھەقىقەتەن تېلېفون كەلدى، ئۇ خۇشال ھالدا سوۋغاتلارنى ئېلىپ ئاكا - سىڭىل ئىككىسىنى يوقلاپ باردى. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، شاۋ شياڭلى كەنتكە بېرىپ 1 - شۇجىلىقنى ئۈستىگە ئالدى، خەلچىگۈل بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ تۇخۇم يىغىپ، قېتىق ئۇيۇتۇپ، كەنت ئاھالە كومىتېتىغا شاۋ شياڭلى ۋە خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەترەت ئەزالىرىنىڭ تېتىپ بېقىشىغا ئاپىرىپ بەردى، شاۋ شياڭلى گەرچە ئالدىراش بولسىمۇ، دائىم ۋاقىت چىقىرىپ موماينى يوقلاپ تۇردى.

بۇلتۇر كەنتتە سېلىنغان مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن تۇرالغۇلاردا قۇرۇلۇش تاماملاندى، كەنت ئاھالىلىرى ئارقا - ئارقىدىن كۆچۈپ كىردى. لېكىن خەلچىگۈلنىڭ بېزەيدىغانغا پۇلى بولمىغانلىقتىن، يەنىلا كونا ئۆيىدە ئولتۇرۇۋەردى. شاۋ شياڭلى بۇنى بىلگەندىن كېيىن، 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل چىقىرىپ موماينىڭ ئۆيىنى بېزەپ بەردى، بۇ، خەلچىگۈلنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. 6- ئاينىڭ 25- كۈنى، مۇخبىر ئۇنىڭ يېڭى ئۆيىدە تامنىڭ يېڭى ئاقارتىلغانلىقىنى، تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، بۇستارتقۇلارنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ ياخشى ئۆيدە تۇرالىشىم «بېيجىڭلىق ئوغلۇم»نىڭ بولغانلىقىدىن بولدى.

شاۋ شياڭلى يەنە بەش ياشلىق رازىيە روزىمەمەتنىڭ «شاۋ دادىسى».

رازىيە ئاتا - ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، مومىسى بىلەن تۇرمۇش كەچۈردى. شاۋ شياڭلى زىيارەت داۋامىدا بۇ ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ئىچ ئاغرىتىپ، خوتۇنى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، رازىيەنى «قىزى» قىلىۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن، رازىيە شاۋ شياڭلىنى «شاۋ دادا» دەپ ئاتايدىغان بولدى، شاۋ شياڭلى ھەر جەھەتتىن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلدى، كۆيۈندى، يازلىق تەتىلدە يەنە ئۇنى بېيجىڭدىكى ئۆيىگە ئاپىرىپ ئويناتتى.

بىر ئادەم، بىر كەنت

500 نەچچە كۈندە چوڭقۇر مۇھەببەت، قويۇق دوستلۇققا ئېرىشىش

كىشىلەرگە مۇلايىم مۇئامىلە قىلىدىغان شاۋ شياڭلى خىزمەتنى ناھايىتى كەسكىن ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ ۋاقىت قارىشى كۈچلۈك، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ خىزمەت ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. «كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئىش قىلغاندا ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇش كېرەك، بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ.» شاۋ شياڭلى مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىدە پائال يۇقىرى ئۆرلەيدىغان، پۇختا، ئەمەلىيەتچىل ئوبرازىنى تىكلىشى كېرەك.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شاۋ شياڭلى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىنى باشلاپ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن باشتىن - ئاخىر يېقىن، ئىناق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلدى.

«سەيلىگۈل، ئوغلىڭىزنىڭ خەت يېزىش قىياپىتى ئۆزگەردىمۇ؟» شاۋ شياڭلى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا كەلگەن سەيلىگۈل سەلىمدىن كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى.

«ياخشىمۇسىز، 1- شۇجى!» كەنتتىكى يەسلىگە كىرگەندە، بىر توپ بالا دەرھال ئۇنى ئورىۋالدى.

شاۋ شياڭلى سەمىمىيلىك بىلەن كەنتتە تۇرۇشتىن نۇرغۇن ھاسىلاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى. «پۇقرالارغا ياردەملىشىپ ھەربىر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلىپ بەرگىنىمدە، ئۇلارنىڭ چېھرىدىكى سەمىمىي تەبەسسۇمنى كۆرگىنىمدە، ئۆزۈمدىكى قانائەت تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن».

6- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 24 بولاي دېگەندە، شاۋ شياڭلى كەنت ئاھالىسى قۇربانجان قاۋۇلدىن كەلگەن تېلېفوننى ئالدى، ئەسلىدە ئۇنىڭ ئۆيىدە زىددىيەت كۆرۈلۈپ، قانداق ھەل قىلىشنى بىلەلمىگەن ئىكەن، شاۋ شياڭلى گەپ قىلمايلا قۇربانجاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ مۇرەسسە قىلدى.

شاۋ شياڭلى مۇنداق دېدى: بۇنداق كىچىك ئىشلار يەنە نۇرغۇن، لېكىن ئۇلارنى كىچىك ئىش دەپ قارىمايمەن، بەلكى ئاممىنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچى دەپ قارايمەن.

كەنت ئاھالىلىرى ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ، ئۇمۇ كەنت ئاھالىلىرىگە ئىشىنىدۇ. بۇلتۇر، كەنتتىكى ئون ئائىلىلىكنىڭ ئاز سوممىلىق قەرز پۇلىنىڭ قەرەلى توشۇپ ئوبوروت قىلىشقا ئامال بولمىغاندا، ئۇ ئامال قىلىپ پۇل غەملەپ، قىيىنچىلىقنى يېنىكلەتتى. يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن، كەنت ئاھالىسىنىڭ بىرسىمۇ قالماي پۇلنى قايتۇرۇپ بولدى.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، كېچىڭىز كەنتىدە يېڭىدىن 101 يۈرۈش ئەمىن ئۆي سېلىندى، يېڭىدىن ئون كىلومېتىر يول قاتتىقلاشتۇرۇلدى، 179 ئائىلە، 1050 نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى... شاۋ شياڭلىنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى شۇكى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ روھىي قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭىلاندى، بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىش قىزغىنلىقى ئاشتى، ئۇلار قەدەمنى بارغانسېرى مەزمۇت، ئىشەنچلىك باسىدىغان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى