تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدىكى 12 يول بۆلىكىدە تاكسى ۋاقىتلىق توختىتىش ئورنى تەسىس قىلىندى

7-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 12:00لەردە، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ ئامبۇلاتورىيە بىناسى ئالدىدا، خەلق ساقچىسى تاكسىلارنىڭ تەرتىپ بويىچە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان تاكسى ۋاقىتلىق توختىتىش ئورنىغا كىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر پېڭ فاڭ): يېقىندا، ئۈرۈمچى قاتناش ساقچىلىرى پۈتۈن شەھەردىكى 12 يول بۆلىكىدە تاكسى ۋاقىتلىق توختىتىش ئورنىدىن 43نى تەسىس قىلدى. تاكسى توختىتىش ئورنىنىڭ تەدرىجىي ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تاكسى توسۇشى، تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ يولۇچىلارنى ئېلىۋېلىشىغا مۇقىم جاي بار بولدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى قاتناش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى مەن جېمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئۈرۈمچى قاتناش ساقچى تارمىقىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىدىكى تىنچ ھالەتلىك قاتناش تەرتىپى خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇشىدىكى تەدبىرى. شۇنداقلا يەنە بۇ ئارقىلىق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بىخەتەر تاكسى توسۇشىغا، تاكسىلارنىڭ توختايدىغان ئورنى بولۇشىغا، تاكسىغا يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر چىقىپ-چۈشۈشىگە تەرتىپلىك قاتناش مۇھىتى يارىتىپ بېرىلدى.

تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچىدە ھازىر 13 مىڭ تاكسى بولۇپ، كۈندىلىك يولۇچى توشۇش مىقدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 28~26 ئادەم قېتىمغا توغرا كېلىدىكەن. ئۈرۈمچىدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خالىغانچە مېڭىپ، خالىغانچە توختايدىغان تاكسىلارنىڭ ئادەملەر زىچ توپلاشقان رايونلاردا يولۇچى ئېلىشى ياكى چۈشۈرۈشى نورمال قاتناۋاتقان ئاپتوموبىللارغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، يولۇچىلارنىڭ يولدا تاكسى توسۇشىمۇ ئاسانلا قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىدۇ. قاتناش تەرتىپى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئاپتوموبىللار ھەممىلا يەردە خالىغانچە توختىغاندا، قاتناش تەرتىپى قالايمىقانلىشىدۇ، شۇنداقلا ھەم ئاسانلا كەينىدىن سوقۇش ۋە سۈركىلىش قاتارلىق ھادىسىلەر يۈز بېرىدۇ.

تاكسى ۋاقىتلىق توختىتىش ئورنى دېگىنىمىز، يول بۆلىكىگە سىزىلغان سېرىق رەڭلىك تاكسى ۋاقىتلىق توختىتىش ئورنى بولۇپ، بۇ تاكسى توختىتىش نۇقتىسىنىڭ يول بويىدىكى كۆرسەتمە تاختىسىغا ماسلاشتۇرۇلغان، شەھەر ئاھالىلىرى بەلگىلەنگەن بۇ نۇقتىدا تاكسى ساقلىسا، تاكسى شوپۇرلىرىمۇ بۇ جايدا يولۇچىلارنى تاكسىغا چىقىرىپ-چۈشۈرسە بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يول بويىدا ئاستا سۈرئەتتە يول يۈرۈپ يولۇچى چىقىرىش ۋە خالىغان جايدا توختاپ يولۇچى چىقىرىش-چۈشۈرۈش قاتارلىق قاتناش تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان، قاتناش ھادىسىسىنى ئاسان پەيدا قىلىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

نۆۋەتتە، ئۈرۈمچىدە تەسىس قىلىنغان تاكسى ۋاقىتلىق توختىتىش ئورنىدا پەقەت دەرھال توختاپ مېڭىش تەلەپ قىلىنىدۇ، يەنى، تاكسىلار بەلگىلەنگەن توختىتىش ئورنى ئىچىدە توختىشى، پەقەت يولۇچىلارنىڭ چىقىشى ۋە چۈشۈشى ئۈچۈنلا توختىشى كېرەك، ئەگەر ئۇزاق ۋاقىت توختاپ ساقلىغاندا، قانۇنغا خىلاپ ئاپتوموبىل توختىتىش بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، ساقچى تەرەپ يەنە پۈتۈن شەھەردە تاكسى ۋاقىتلىق توختىتىش ئورنىنى تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرىدۇ ھەمدە ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش بېكىتى، سودا چەمبىرىكى قاتارلىق تاكسى توسۇش ئېھتىياجى بىرقەدەر چوڭ يول بۆلەكلىرىدە يولۇچىلار تاكسى ساقلاش ئورنى تەسىس قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە تېخىمۇ قولاي، تېز تاكسى توسۇش شارائىتىنى تەمىنلەيدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى 12 ئورۇندىكى تاكسى ۋاقىتلىق توختىتىش ئورنى ئاساسلىقى دوختۇرخانا، سودا چەمبىرىكى ئەتراپىغا تەسىس قىلىنغان.

12 ئورۇندىكى تاكسى ۋاقىتلىق توختىتىش ئورنى

● خەلقئار چوڭ بازاردىكى تۆت ئورۇن: 12

● بېيجىڭ يولىدىكى خۇيجيا شىدەي ئالدى: 3

● سۇجوۋ يولىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ئالدى: 3

● شىنجاڭ تېببىي داشۆسى يولىدىكى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى ئالدى: 2

● لىيۈشەن يولىدىكى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا ئالدى: 2

● خېنەن يولىدىكى ئۈرۈمچى ناھىيەلىك دوختۇرخانا ئالدى: 2

● نەنخۇ يولىدىكى جيالېفۇ تاللا بازىرى ئالدى: 2

● شىخۇڭ يولىدىكى خۇالىڭ بازىرى ئالدى: 3

● خۇڭگۇاڭسەن يولىدىكى خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزى ئالدى: 4

● چىتەي يولىدىكى «1-ماي» شىڭگۇاڭ كەچلىك بازىرى: 4

● قىزىلتاغ ئايلانمىسىدىكى يوۋخاۋ بەيشېڭ سودا سارىيى ئالدى: 3

● چيەنتاڭجياڭ يولىدىكى شىنجاڭ مېھمانسارىيى ئالدى: 3

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى