تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

كونا ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلىنىدۇ

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ يۈەنيۈەن): ھازىرغىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى پىلانلاپ يولغا قويغان 35 كىلومېتىرلىق كونا ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورى سىستېمىسىنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ توققۇز كىلومېتىردا قۇرۇلۇش باشلىنىپ، بەش كىلومېتىرلىق قۇرۇلۇش تاماملاندى. قالغان 26 كىلومېتىرلىق بۆلەكتە 7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن ئىلگىرى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ. 8-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن قۇرۇلۇش تاماملىنىدۇ.

  6-ئاينىڭ 29-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كەسپىنى باشقۇرۇش تارمىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىللىق كونا ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئاساسلىقى مەركىزىي شەھەر رايونىدىكى 15 يىلدىن ئاشقان كونا ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە غول يوللار ئەتراپىدىكى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورلىرىغا تارقالغان. ئۆزگەرتىش مەزمۇنى كونا ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورىنى ئالماشتۇرۇش، كىلاپان ئورنىتىش، كونا تۇرۇبا تورى كىلاپانلىرىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ ئارقىلىق 20 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە، تەخمىنەن 45 مىڭ كىشىگە نەپ يەتكۈزىلىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كەسپىنى باشقۇرۇش تارمىقى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مەسئۇلى جيا شۆگاڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى يىللاردا، كونا ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورلىرىنى ئۆزگەرتىشتە ئاساسلىقى كونا ئولتۇراق رايونلار ئاساس قىلىنىپ، قاتناشقا بولغان تەسىرى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئامال بار ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە غول يوللاردا قۇرۇلۇش قىلىنمايتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ رايونلاردىكى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورلىرىمۇ تەدرىجىي كونىراپ، قىش پەسىلىدە تۇرۇبىلار يېرىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىسسىقلىقتىن پايدىلىنىشى مەلۇم دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىدى، بۇ يىل بۇ رايونلارنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى يېرىمغا يېقىن نىسبەتنى ئىگىلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، خۇڭسەن يولى، مىڭدې يولى، جيۇچۈ كوچىسى، جياڭسۇ غەربىي يولى، تيەنخۇي يولى قاتارلىق يول، رايونلاردا قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا، كېچىدە يېرىم يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق، كۈندۈزى قاتناشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

  ئۈرۈمچى 2009-يىلىدىن باشلاپ، 1400 كىلومېتىردىن ئارتۇق كونا ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تورلىرىنى يېڭىلاش، لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە سىغىمىنى كېڭەيتىشنى بىر-بىرلەپ تاماملاپ، 500 مىڭ ئاھالىگە نەپ يەتكۈزگەن. ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 3-2 سېلسىيە گىرادۇسقىچە ئۆرلەپ، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورلىرىنىڭ كاشىلا نىسبىتى تۆۋەنلىگەن. ماس قەدەمدە ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورلىرىنىڭ سۇ يوقىتىش نىسبىتى %1 ئىچىدە، ئىسسىقلىق زىيىنى نىسبىتى %5 ئىچىدە كونترول قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش