تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

پىچاننىڭ ئۇرۇقسىز ئاق كىشمىش ئۈزۈمى پىشتى

  پىچان ناھىيەسىدىكى ئۈزۈملەر ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى، دېھقانلار بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىراش ۋاقىتقا قەدەم قويدى.

مۇخبىرىمىز فېي شۇەن، پراكتىكانت مۇخبىر لى جىنشىن فوتوسى ۋە خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسى لۈكچۈن بازىرى دىخانسۇ كەنتىدىكى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدا، يېشىل قاشتېشىدەك ئۇرۇقسىز ئاق كىشمىش ئۈزۈملەر باراڭغا لىققىدە تولغانىدى، ئىشچىلار پىشقان ئۈزۈملەرنى ئۈزۈش، يېشىككە قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە سېتىشقا تەييارلاندى.

شۇ كۈنى، مۇخبىرنىڭ 2019-يىللىق پىچان ناھىيەسىنىڭ ھۆل ئۈزۈم سېتىش ۋە ئۈزۈم مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 7-كىرگەندىن بۇيان، پىچان ناھىيەسىدە تېرىلغان 260 مىڭ مودىن ئارتۇق  كۆلەمدىكى ئۈزۈم ئارقا-ئارقىدىن پىشىش مەزگىلىگە كىرگەن، بۇ يىل مەزكۇر ناھىيەدە 210 مىڭ توننا ھۆل ئۈزۈم سېتىش مۆلچەرلەنگەن.

پىچان ناھىيەسى تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، تىپىك مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇقى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ، ياز پەسلى ئىسسىق، قىش پەسلى سوغۇق، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك، قىروسىز مەزگىلى ئۇزۇن، تەبىئىي كىلىماتى، يورۇقلۇق-ئىسسىقلىقى يېتەرلىك بولغان ئۆزگىچە شارائىت سۈپىتى ياخشى بولغان ئۈزۈملەرنى يېتىلدۈرىدۇ. پىچان ناھىيەسى جۇڭگودىكى داڭلىق ئۈزۈم ماكانى بولۇپ، نۆۋەتتە ئۈزۈم سورتى 424كە يېتىدۇ.

  6-ئاينىڭ 30-كۈنى، پىچان ناھىيەسى ھۆل ئۈزۈم سېتىش ۋە ئۈزۈم مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇرۇقسىز ئاق كىشمىش ئۈزۈم پىچاننىڭ ئاساسلىق سورتى بولۇپ، ناھىيە بويىچە ئۈزۈم ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %96ىنى ئىگىلەيدىكەن، ئۈزۈمنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسى 19- دەرىجىدىن ئاشقاندا ئاندىن ئۈزۈلىدىكەن، پىچان ئاق كىشمىش ئۈزۈمىنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسى 26- دەرىجىگە يېتىدىغان بولۇپ، تاتلىق، چۈرۈك، مېۋە شەكلى ياخشى، توشۇشقا چىداملىق بولغاچقا بازاردا ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئاپتونوم رايونلۇق ئۈزۈم، مېۋە-چېۋە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لو چياڭۋېي مۇنداق دېدى: ئىلگىرى توشۇش شارائىتى ۋە ئەنئەنىۋى قاراشنىڭ تەسىرىدە، شۇ جايدىكى %90تىن ئارتۇق ئۇرۇقسىز ئاق كىشمىش ئۈزۈمى قۇرۇتۇشقا ئىشلىتىلىپ، ئۈنۈمى ھۆل ئۈزۈمدىن خېلىلا تۆۋەن بولدى. بۇ ئىككى يىلدا شەھەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە قاتناشنىڭ بارغانسېرى قولايلىشىغا ئەگىشىپ، پىچان ناھىيەسىدىكى ھۆل ئۈزۈم ئىچكىرىدىكى سودىگەرلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى.

دىخانسۇ كەنتىدىكى دېھقان مەمەت يۈسۈپ بۇ يىل 12 مو يەرگە ئۈزۈم كۆچىتى تىكتى، ھازىر دەل ئۈزۈم ئۈزۈش مەزگىلى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئاساسلىقى قۇرۇق ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىپ ساتاتتۇق، بىر يىللىق پايدا 60 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئىدى، بۇ ئىككى يىلدا ھۆل ئۈزۈمنىڭ سېتىلىشى ياخشى بولدى، كىرىم ئىككى ھەسسىدىن ئاشتى. 2018-يىل كىرىم 125 مىڭ يۈەن بولدى، بۇ يىل ئۈزۈمنىڭ باھاسى يۇقىرى، كىرىم چوقۇم بۇلتۇرقىدىن يۇقىرى بولىدۇ». مەمەت يۈسۈپنىڭ دېيىشىچە، ھازىر ئۇنىڭ ئېتىزىدىكى ئۈزۈملەرنىڭ ھەممىسىنى سودىگەرلەر زاكاز قىلىپ بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى ئۈزۈپ، مال تارقىتىش ئىكەن.

شۇ كۈندىكى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، پىچان ناھىيەسى بىلەن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا زاكاس قىلىنغان ھۆل ئۈزۈم 140 مىڭ توننىغا يەتتى. شياڭگاڭدىن كەلگەن سودىگەر ما جىڭيۈن مۇنداق دېدى: پىچان ناھىيەسىگە كېلىپ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ كۆردۇق، پىچان ناھىيەسىنىڭ ئۈزۈم سۈپىتى ياخشىكەن، 7-ئاينىڭ بېشىدا، مەن 3000 ـ 5000 توننا ھۆل ئۈزۈم سېتىۋېلىشنى پىلانلاۋاتىمەن.

پىچان ناھىيەلىك دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئالىي ئاگرونوم ئالىم پولات تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ ناھىيەدىكى ئۈزۈمنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى 2.5 توننىدىن 2.8 توننىغىچە بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھۆل ئۈزۈمنىڭ تاۋار نىسبىتى زور دەرىجىدە ئېشىپ، تۇرپان ئۈزۈم بازىرىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە ئىگىلەش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. 2018-يىلى، جەمئىي 175 مىڭ 100 توننا ھۆل ئۈزۈم سېتىلدى. بۇ يىل، ئۈزۈمنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ سېتىلىش باھاسى 5 يۈەندىن 7 يۈەنگىچە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ مو بېشى كىرىمى 3000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە ئاشتى».

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى