تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قۇتۇبى ناھىيەسى: ئاق تېرەك ئاستىدا ئاق غاز بېقىپ، ئايلانما ئىقتىساد ئارقىلىق بېيىشقا ياردەم بېرىش

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى سۈنلىڭ، تاۋ شېڭجۈن خەۋىرى): يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسى ئورمانچىلىق تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى كۈچەپ قېزىپ، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش، كەسىپلەر ئارقىلىق يۆلەش، تېخنىكا جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق، دېھقانلارنى ئورمانلىقتا باقمىچىلىق قىلىشقا ۋە ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيە تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمدە «قوش پايدا ئېلىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

  يېقىندا، ئاپتور قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۇن بازىرىنىڭ گۇاڭلىن كەنتىدىكى تيەنزې كۆچەت دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ، توپ-توپ ئاق غازلارنىڭ قاتار-قاتار ئەرمۇدۇن دەرىخىنىڭ ئاستىدا، گاھ بەخىرامان سەيلە قىلسا، گاھ ئوزۇقلۇق ئىزدەپ يۈرگەنلىكىنى كۆردى.

  قۇتۇبى ناھىيەسى تيەنزې كۆچەت دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى ۋاڭ جىگو مۇنداق دېدى:«ئورمان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئايلانما ئىقتىساد بىلەن شۇغۇللانغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئوت-چۆپلەرنى ئادەم ياللاپ تازىلاش ھاجەتسىز، غاز مايىقى يەرنى مۇنبەت قىلىپ، دەرەخلەرنى تېخىمۇ باراقسان ئۆستۈرىدۇ، غاز تۇخۇمى، غاز، بۇنىڭ ھەممىسى كىرىم.»

  2009-يىلى، ۋاڭ جىگو ئۆزىنىڭ 10 مو يېرىگە ئاق تېرەك تىككەن بولۇپ، يىللىق كىرىمى 40 مىڭ يۈەندىن ئاشقان ئىدى. 10 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، ۋاڭ جىگونىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھازىرقى 1000 مودىن ئارتۇق يەرگە تەرەققىي قىلدى، كۆچەت تۈرىمۇ 31 خىلغا يەتتى. 2015-يىلى، ۋاڭ جىگو سىرتقا چىقىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئورمانلىقتا غازنى قويۇۋېتىپ بېقىشنىڭ كۆچەتلەردىكى ھاشاراتلارنى يوقىتىشتا بىر قەدەر ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى، يەنە دېھقانچىلىق دورىسىنىمۇ ئاز چاچسا بولىدىغانلىقىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن، ئۇ 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ غاز كاتىكى ياساپ، تۇنجى تۈركۈمدە 1000 غاز سېتىۋېلىپ، ئورمانلىقتا باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى.

  غازلارنى ئورمانلىققا قويۇۋېتىپ باققاندا، غازلار سازاڭ، خانقىز، قۇلۇلە، چېكەتكە قاتارلىق ھاشاراتلارنى ھەمدە ياۋا كۆكتات، يۇمران ئوت-چۆپ، يۇمران دەرەخ يوپۇرمىقى، ئوت-چۆپ ئۇرۇقى قاتارلىق بەزى يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى يەيدۇ، بۇنداق بېقىلغان غاز گۆشىنىڭ سۈپىتى ياخشى، يېىىشلىك، زىيانسىز، غاز تۇخۇمىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ، بازاردا «تالاشتا قالىدىغان مال» غا ئايلاندى.

  خېلى پايدا ئالغاندىن كىيىن ۋاڭ جىگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىش ئىشەنچى چىڭىدى، بۇ يىل ئەتىيازدا، ۋاڭ جىگو يەنە 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، 10 دانە غاز چۈجىسى چىقىرىش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، 230 كىۋادرات مېتىرلىق غاز چۈجىسى چىقىرىش سېخى قۇردى.

  غاز چۈجىسى چىقىرىش سېخىنىڭ مەسئۇلى جوۋ جىدې مۇنداق دېدى:«بىزنىڭ سېخىمىزدا بىر ئايدا 100 مىڭ چۈجە چىقارغىلى بولىدۇ، بۈگۈن، ئەتىنىڭ ئىچىدە 3000 دىن ئارتۇق غاز چۈجىسى چىقىشى مۇمكىن، غاز چۈجىلىرى تۇخۇمدىن چىقماي تۇرۇپلا زاكاز قىلىنىپ بولدى، سېتىشتىن غەم قىلمايمىز.»

  كوپىراتىپنىڭ ئورمان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى نۇرغۇن ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ يىل 63 ياشلىق ما ۋېيدۇڭ گۇاڭلىن كەنتى ئاھالىسى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا بىر تەرەپتىن غاز باققاچ، يەنە بىر تەرەپتىن كالا-قوي باقالايدۇ.

  ما ۋېيدۇڭ مۇنداق دېدى:«مەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بۇ ئورمانلىقىدا غاز بېقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، بىر يىلدا 60 مىڭ يۈەن تاپالايمەن، يەنە قوشۇمچە يەر تېرىپ، كالا-قوي بېقىپ، 90-80 مىڭدىن 100 مىڭ يۈەنگىچە پۇل تاپالايمەن.»

  ھازىرغىچە، تيەنزې كۆچەت دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا تاۋار غازدىن 5000ى، تۇخۇم تۇغىدىغان غازدىن 5000ى، غاز چۈجىسىدىن 150 مىڭى بار بولۇپ، ھەر يىلى ئورمان باقمىچىلىقىدىن قىلىنىدىغان كىرىم بىر مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن.

  قۇتۇبى ناھىيەسى تيەنزې كۆچەت دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى ۋاڭ جىگو مۇنداق دېدى:«كېيىن، ھازىر بار بولغان كۆچەت ئۆستۈرۈش كۆلىمى ئاساسىدا، كۆلەمنى سەل كېڭەيتىپ، شۇ جايدىكى دېھقانلاردىن 20دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز، ئەتراپتىكى غاز بېقىش ئويى بار كىشىلەرنى، تېخنىكا جەھەتتىكى مۇلازىمەت بىلەن، چۈجە بىلەن تەمىنلەپ، تۇخۇملىرىنى يىغىۋېلىپ، ئورتاق بېيىساق بولىدۇ.»

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى كۆچەتچى دېھقانلارنى نۇرغۇن تىجارەت تۈرلىرىنى ئورمان ئاستىغا يۆتكەش، كۆچەت بازىسىدا ئورمان باقمىچىلىقى، ئورمان دېھقانلار ئارامگاھى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال يېتەكلىدى، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ئورمان ئىقتىسادى كۆلىمى 5000 مودىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئورمان ئىقتىسادى يوشۇرۇن كۈچى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ قېزىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى