شىنخۇا تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار گاۋ خەن، دىڭ لېي): 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، 2019-يىللىق شىنجاڭ پىچان ناھىيەسى ھۆل ئۈزۈم سېتىش ۋە ئۈزۈم مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى پىچان ناھىيەسى ۋەنجوۋ كىروران ئالىي مېھمانسارىيىدا ئېچىلدى.
تونۇشتۇرۇش يىغىنى نەق مەيدانى.
تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، ئارتىسلار «ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا» ناملىق ئۇسسۇلنى ئوينىماقتا.
پىچان ناھىيەسىدە سۈرەتكە تارتىلغان ئۈزۈم.
پىچان ناھىيەسىدىكى قىزلار ساياھەتچىلەرگە يېڭىلا ئۈزۈلگەن ئۈزۈملەرنى كۆرسەتمەكتە.
بۇ قېتىمقى ئۈزۈم تونۇشتۇرۇش يىغىنى سورتلارنى كۆرگەزمە قىلىش ۋە تېتىپ كۆرۈپ پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق، پىچاننىڭ ھۆل ئۈزۈمىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە تونۇشتۇرۇپ، يەرلىكتىكى ئۈزۈم ئۆستۈرگۈچىلەر بىلەن ئېلېكتىرونلۇق سودا، ماركېتىڭ كارخانىلىرىنىڭ سېتىۋېلىش-سېتىش ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلدى، پىچان ناھىيەسىدىكى ئۈزۈملەرنىڭ «يېشىل، تەملىك، قۇۋۋەتلىك، ساغلام» بولۇشتەك ماركا ئوبرازىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۈزۈم خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىشنى تېزلىتىپ، بازارنىڭ تەسىر كۈچى ۋە ئىگىلەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە سىجىل مول ھوسۇل ئېلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاساسنى پۇختىلىدى.
پىچان ناھىيەسىدىكى باغۋەن ئۈزۈم بارىڭىنى رەتلىمەكتە.
تونۇشتۇرۇش يىغىنى نەق مەيدانىدا كۆرگەزمە قىلىنغان ھەر خىل سورتلۇق ئۈزۈملەر.
تونۇشتۇرۇش يىغىنى نەق مەيدانىدا كۆرگەزمە قىلىنغان ھەر خىل ئۈزۈم مەھسۇلاتلىرى.
تونۇشتۇرۇش يىغىنى نەق مەيدانىدا كۆرگەزمە قىلىنغان ھەر خىل سورتلۇق ئۈزۈملەر.
پىچان ناھىيەسى باشتىن-ئاخىر ئۈزۈم بازىرىنى ئېچىشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ھۆل ئۈزۈمنى بازارغا سېلىش مەزگىلىدە، ۋاسىتىچى، سودىگەرلەر بىلەن ئالدىن ئالاقىلىشىپ، ھۆل ئۈزۈمنى بېيجىڭ، گۇاڭجوۋ، شاڭخەي، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق جايلارغا ھەمدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە ساتتى.
پىچان ناھىيەسى تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان، تىپىك مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق قۇرغاق ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ، ياز پەسلى ئىنتايىن ئىسسىق، قىش پەسلى سوغۇق، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك، قىروۋسىز مەزگىلى ئۇزۇن. ئۇنىڭ ئەۋزەل يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق شارائىتى ۋە ئۆزگىچە كىلىمات شارائىتى داڭلىق ئاق كىشمىش ئۈزۈمنى يېتىشتۈرۈپ چىققان.
مۇخبىر دىڭ لېي فوتوسى