تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ: قۇملۇق ساياھىتى ئالتۇن پەسىلىنى كۈتۈۋالدى

  7-ئاينىڭ 2-كۈنى، قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر تۆگە مىنىپ ئوينىماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 7-ئاي كىرىپ، شىنجاڭ قۇملۇق ساياھىتىنىڭ ئالتۇن پەسىلىنى كۈتۈۋالدى. «شەھەر ئىچىدىكى قۇملۇق» دەپ ئاتالغان شىنجاڭ تۇرپان شەھىرىنىڭ پىچان ناھىيەسىدىكى قۇمتاغ قۇملۇقىدا جايلاردىن بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە داڭلىق رايونى باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ياز كىرگەندىن بۇيان، قۇملۇق مەنزىرە رايونى كۈندىلىك كۈتۈۋالغان ساياھەتچى ئوتتۇرىچە مىقدارى 3000 ئادەم قېتىمدىن ئاشقان، 2019-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش مىقدارى 360 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن %51 ئاشقان. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دى لېي فوتوسى)

  7-ئاينىڭ 2-كۈنى، قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر قۇملۇقتا يۈرۈپ، قۇم بارخانلىرىدىن ھالقىپ ئۆتتى.

  7-ئاينىڭ 2-كۈنى، قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر ئۈچ بۇرجەك قاناتلىق پلانېرنى ھېس قىلماقتا.

  7-ئاينىڭ 2-كۈنى، ساياھەتچىلەر سەيلە ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونىغا كىردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : mutallip

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى