تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بۈگۈن تۇرپاندا ئەڭ يۇقىرى تېپمېراتۇرا ℃46، ئۈرۈمچىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃36 بولىدۇ

  مۇخبىرىمىز يۈ مىڭفەن، جاڭ ۋەندې خەۋىرى: بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدا ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق بولىدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىدا ئاپتاپتىن ۋە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق ۋە بۇلۇتلۇق بولىدۇ، خوتەن شەھىرىدە ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ.

  ئۈرۈمچى مەركىزى شەھەر رايونىدا تۈنۈگۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃33.5 بولدى، بۈگۈن تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃36، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃24 بولىدۇ، 3 بال شامال چىقىدۇ. تۇرپان شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃46 بولىدۇ.

  بۈگۈن G217 لىنىيەسى بىلەن G3014 لىنيەسىنىڭ ئورقۇدىن قارامايغىچە بولغان بۆلىكى، G7 لىنىيەسى، G314 لىنىيەسىنىڭ كورلىدىن ئاقسۇغىچە بولغان بۆلىكى، شياۋساۋخۇدىن كۈمۈشكىچە بولغان بۆلىكى، ئاتۇشتىن قەشقەرگىچە بولغان بۆلىكى، G30 لىنىيەسى، G312 لىنىيەسىنىڭ قومۇلدىن يەندۇنگىچە بولغان بۆلىكى قاتارلىق لىنىيە ياقىسىدىكى قىسمەن رايونلاردا تېمپېراتۇرا ℃37تىن ئاشىدۇ، G30 لىنىيەسى، G312 لىنىيەسى تۇرپاندىن پىچانغىچە بولغان بۆلىكى، لياۋدۇندىن قومۇلغىچە بولغان بۆلىكىدە تېمپېراتۇرا ℃40تىن يۇقىرى بولىدۇ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى