تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئۇزۇن سەپەر يولىدا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇش كېرەك

شى جىنپىڭ يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىغا قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئۇزۇن سەپەر يولىدا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 1-كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىغا قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق بىلدۈردى: يولداش خۇڭ ۋېنشيۇنىڭ بەختكە قارشى قازا قىلغانلىقى كىشىنى قاتتىق ئېچىندۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن سەمىمىي ھال سورايمەن. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇ ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، چوڭ شەھەردە خىزمەت قىلىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، قەتئىيلىك بىلەن يۇرتىغا قايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن ئاتلىنىپ، ئۆزىنى بېغىشلاپ، گۈزەل ياشلىق باھارى بىلەن كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئىزاھلاپ چۈشەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ياشلىق باھار ناخشىسىنى پۈتۈپ چىقتى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ۋە ياش يولداشلار يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇنى ئۈلگە قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئۇزۇن سەپەر يولىدا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.

يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇ ھايات ۋاقتىدا گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى بەيسې شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى ئىدى. ئۇ 2016-يىلى بېيجىڭ سىفەن داشۆسىدە ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يۇرتى بەيسېغا قايتىپ خىزمەت قىلغان. 2018-يىلى 3-ئايدا يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇ تەشكىلنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، لېيې ناھىيەسىنىڭ بەينى كەنتىگە بېرىپ كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، 88 ئائىلىلىك 418 نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلىگەن، پۈتۈن كەنتتە نامراتلىقنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتى %20تىن كۆپرەك تۆۋەنلىگەن. 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە، ئۇ بەيسېدىن لېيېغا قايتىش يولىدا كەلكۈنگە ئۇچراپ بەختكە قارشى قازا قىلىپ، ئەمدىلا 30 ياشقا كىرگەن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.