تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئاممىنى يېتەكلەيلى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلايلى

شۈ چىڭگۇاڭ

7- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئاپتونوم رايون ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشى نەق مەيدان يىغىنى ئېچىپ، تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى يەكۈنلەپ، ئالماشتۇرۇپ، مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقلارنى رەتلەپ، ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى قايتا سەپەرۋەر قىلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىز ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە نەق مەيدان يىغىنىنى ئېچىشى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تونۇشنى ئۆستۈرۈش، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.

ناھىيە دەرىجىلىك تاراتقۇلار پارتىيەنىڭ ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىدىكى مۇھىم بازا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم ئاساس. ئالاقە تورى كۈنسېرى ئۇچۇرلار يىغىلىپ - تارقىلىدىغان ئورۇنغا، ئاممىۋى پىكىر مەنبەسى بىلەن ئىدىيە ئېلىشىدىغان ئاساسىي بازىغا ئايلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ناھىيە دەرىجىلىك تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىنى قانداق ئۆستۈرۈش ئالدىمىزغا قويۇلغان بىر ئەمەلىي تېما بولۇپ قالدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنى پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئاممىنى يېتەكلەش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.» بۇ مۇھىم تەلەپنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يېڭى ۋەزىيەتتە تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە نىسبەتەن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دەۋر تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتى ۋە تاراتقۇلارنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور تەدبىرنى چىقاردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىغا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى سىجىل پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دەسلەپكى قەدەمدە نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى. مەسىلەن، بەزىلىرى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ساياھەت، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق ئەۋزەل بايلىقلارنى چۆرىدەپ، قىسقا سىن فىلىمى، مەنزىرە تىياتىرى قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ ئەسەرلىرىنى ئىشلەپ، كۆچمە تېرمىنالدا ياخشى تارقىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشتى؛ بەزىلىرى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن ئىبارەت بۇ قوماندانلىق سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى تەشۋىقاتچىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇ جاينىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش جەھەتتە يۇغۇرما تاراتقۇلارنىڭ ئۈنۈمىنى نامايان قىلدى؛ بەزىلىرى سەر خىل بولۇش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، قايتا - قايتا پىششىقلاپ، سۈپىتى ئېسىل، ئالقىشقا ئېرىشكەن بىر تۈركۈم قىسقا سىن ئەسەرلىرى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بىراق شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، ئىچكىرىدىكى بەزى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىدا يەنە بەزى مەسىلىلەر مەۋجۇت. بۇ بىزدىن مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

بىرىنچى، تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. قانداق تونۇش بولسا، شۇنداق ھەرىكەت بولىدۇ؛ قانداق ھەرىكەت بولسا، شۇنداق ئۈنۈم بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، ئۇنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولۇش - بولماسلىقى تۈپ جەھەتتىن تونۇشنىڭ جايىدا بولغان - بولمىغانلىقىغا باغلىق. شۇڭا ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ ئەھمىيىتىنى جەزمەن تولۇق تونۇش، ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى جەزمەن سەگەكلىك بىلەن ئىگىلەش، نېمە قۇرۇش، قانداق قۇرۇش، قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشنى جەزمەن چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش، شۇ ئارقىلىق ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى - تۆۋەن زىچ ئۇيۇشۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئىككىنچى، مېخانىزمدا يەنە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشى ئەسلىدىنلا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مەھسۇلى، پايدىلانغۇدەك ئۈلگە يوق، جەزمەن تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىش، جەزمەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشى رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن سىرت قىلىدىغان باشقا ئىش ئەمەس، شۇنداقلا رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىچىدە بىر يېڭى تاراتقۇ بۆلۈمى قۇرۇشمۇ ئەمەس، بەلكى مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك كۈچلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالاقە تورى ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا ئاتلاندۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، «بىر قېتىمدا توپلاش، كۆپ خىل ھاسىل قىلىش، پۈتۈن تاراتقۇلۇق تارقىتىش»تەك يۇغۇرما تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

ئۈچىنچى، قوشۇننى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئىختىساسلىقلار بايلىقى بىرىنچى بايلىق. ئىختىساسلىقلارنىڭ قىس بولۇشى ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇلارنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مۇھىم ئامىل. بىر تەرەپتىن، قوشۇننى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھازىر بار بولغان قوشۇننىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەم تېلېۋىزىيە خەۋىرىنى ياخشى بېرەلەيدىغان بولۇش، ھەم قىسقا فىلىمنى ياخشى سۈرەتكە ئالالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ ھەم تور تىجارىتىنى ياخشى قىلالايدىغان بولۇش، ھەم ئۈندىدار ۋە تېرمىنال تىجارىتىنى ياخشى قىلالايدىغان بولۇش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۈنۈملۈك سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان باھالاش سىستېمىسىنى تۈزۈپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش كېرەك.

ئەگەر ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ «بارماق مۇلازىمەت كۆزنىكى» دېيىلسە، ئۇنداقتا بۇ كۆزنەكتىن قانداق قىلغاندا ياخشى پايدىلىنىپ، ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇشتا، بىزنىڭ يەنە «كەشتە تىكىش» ماھارىتىمىزنى ياخشى ئىشقا سېلىپ، خىزمەتلەرنى ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەپ، تەشۋىقات ئۈنۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ دەرىجىدە زورىيىشى ۋە ئەڭ زور دەرىجىدە ياخشىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئاكتىپ كۈچنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىزگە، ئاساسىي مېلودىيەنى تېخىمۇ ياڭرىتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى