تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ياز پەسلىدىمۇ سوغۇقتىن ساقلىنىش كېرەكمۇ؟

تومۇز ئىسسىق ياز پەسلى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ، كىشىلەر كۆپ ھاللاردا دىمىق ھېس قىلىپ بىئارام بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن، نۇرغۇن كىشى ئامال قىلىپ ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ۋاقىت سوغۇق ئەڭ ئاسان تاجاۋۇز قىلىدىغان ۋاقىت بولۇپ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈنلا سوغۇقنىڭ ھۇجۇمىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، ياز پەسلىدە سوغۇقتىن ساقلىنىشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم.

سوغۇقتىن ساقلىنىشتىن بۇرۇن، بىز ئالدى بىلەن ياز پەسلىدىكى سوغۇق ھۆللۈكنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. ئادەتتە، ياز پەسلىدە ئاسان سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشنى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىكى سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بىرىنچى، خام ۋە سوغۇق يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرنى زىيادە ئىستېمال قىلىش. ئىسسىقنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، يازدا كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكى كۆپىنچە سوغۇق يېمەكلىك، سوغۇق ئىچىملىك قاتارلىقلار بولىدۇ، مەسىلەن، سوغۇق سەي، مۇزلىتىلغان مېۋە-چېۋە، پىۋا، ماروژنى قاتارلىقلار، بۇ يېمەكلىكلەر كۆپ ئىستېمال قىلىنسا، ناھايىتى ئاسانلا تال ۋە ئاشقازان زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە ئاشقازان ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خام ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەر پۈتۈنلەي ھەزىم بولمايدۇ، ئۇزاق مۇددەت يىغىلىپ قالسا، بەدەندىكى سوغۇق بارغانسېرى ئېشىپ، چىقىرىۋەتكىلى بولماي، ئادەم بەدىنىگە ئىنتايىن پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن.

ئىككىنچى، ئۇزۇن ۋاقىت ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلىتىش. ئىسسىق ياز پەسلىدە، ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلىتىش تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىشتىكى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر. ئەمما، پۈتۈن بەدەن تەرگە چۆمۈلگەن ۋاقىتتا ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلەتسە تەر بەزلىرىنى شۇ ھامان تارايتىپ، بەدەندىكى ئىسسىقلىقنى ۋاقتىدا چىقىرىۋەتكىلى بولماي، ئوڭايلا باش ئاغرىش، بوغۇم ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بەدەنگە ئىنتايىن پايدىسىز. ھەتتا بەزىلەر ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ناھايىتى تۆۋەن ئېچىپ، ئۆي ئىچى ۋە سىرتنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىنى زىيادە چوڭ قىلىۋېتىدۇ، ئىسسىق-سوغۇق تەكشى بولمىسا ئاسانلا زۇكام پەيدا قىلىپ، بەدەننىڭ ھۆللۈكى ۋە سوغۇقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ئۈچىنچى، دائىم سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش. گەرچە سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بەرسىمۇ، ئەمما بەدەن قۇرۇق ئىسسىق ھالەتتە تۇرغاندا، سوغۇق سۇنىڭ تۇيۇقسىز غىدىقلىشى تېرە قان تومۇرلىرىنى دەرھال تارايتىپ، يۈرەك-ئۆپكىنىڭ يۈكى ۋە قان ئايلىنىشنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئادەم بەدىنىنىڭ قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، سوغۇق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بەدەنگە كىرىۋېلىپ، بوغۇم ئاغرىش، رېماتىزم، رېماتوئىد قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزاق مۇددەت بىر قەدەر نەم جايدا ماكانلىشىشمۇ، ئوڭايلا ئادەم بەدىنىنىڭ ھۆللۈكى ۋە سوغۇقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ياز پەسلىدە، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىز تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.

ئالدى بىلەن، سالقىنلىققا بېرىلمەسلىك كېرەك. ياز پەسلىدە سوغۇق يېمەكلىك، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى زىيادە ئىستېمال قىلماسلىق، ئوزۇقلۇقنى ماسلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش، تاماق تاللىماسلىق كېرەك. ئىككىنچىدىن، سوغۇق شامالغا ئۇدۇل تۇرۇپ سالقىنداشتىن ساقلىنىش كېرەك. مەيلى ھاۋا تەڭشىگۈچ ياكى شامالدۇرغۇچ بولسۇن، ئىشلەتكەندە چەك قويۇش، تېمپېراتۇرىنى بەك تۆۋەن قىلىۋەتمەسلىك، ئەڭ ياخشىسى ℃26 ئەتراپىدا كونترول قىلىش، شامالىنىڭ باش قىسمىغا بىۋاسىتە ئۇرۇلۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك. كەچتە ئۇخلىغاندا كىندىك، كېكىردەك ۋە دۈمبىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى قاتارلىق ئورۇنلارنى ياخشى ئاسراش كېرەك، بۇ ئورۇنلار ئادەم بەدىنىدىكى نىسبەتەن ئاجىز جايلار بولۇپ، سوغۇقنىڭ ھۇجۇمىغا ئەڭ ئاسان ئۇچرايدۇ.

يۇقىرىقى سوغۇقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرىدىن باشقا، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە، ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك، مەسىلەن، كۆكتات، مېۋە، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار، يازدا ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالمىشىشى بىر قەدەر تېز بولۇپ، بەدەندە بىر قەدەر كۆپ كىسلاتالىق كېرەكسىز ماددىلار پەيدا بولىدۇ، ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە بەدەننىڭ كىسلاتا-ئىشقار تەڭپۇڭلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىسسىق سۇنى كۆپرەك ئىچىپ، بەدەندىكى ئېقىپ كەتكەن سۇ ۋە مىنېرال ماددىلارنى ۋاقتىدا تولۇقلاش كېرەك. لېكىن سۇ ئىچىشمۇ چەكتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، بولمىسا بۆرەكنىڭ يۈكى ئېشىپ، سالامەتلىككە زىيان يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ياز پەسلىدە ئىسسىق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىشكە بولىدۇ. ئىسسىق ئىچىملىكلەر ئىسسىقنى ياندۇرۇپلا قالماي، قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىنى غىدىقلاپ، شۇ ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش، ئاشقازاننى ئىللىتىپ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

قىسقىسى، ياز پەسلىدە سوغۇقتىن ساقلىنىش ئىنتايىن مۇھىم، بىز ئىسسىقنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا سوغۇقتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشىمىز، توغرا، ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن بەدەندە سوغۇقنىڭ پەيدا بولۇشىنى تىزگىنلىشىمىز، بىر مەھەللىك سالقىنلىقنى دەپ سوغۇقنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنىغا ھەرگىز سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك.

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى