تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ۋە يېشىل» قىياپەتتە ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 7-ئاينىڭ 1-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جاڭ شياۋچېڭ، دۇ گاڭ): ياز كىرگەندىن كېيىن، گۈزەل شىنجاڭ ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىش مەزگىلىگە كىردى. تىيانشان تاغ تىزمىسىغا جايلاشقان چولپان مەنزىرە رايونى — سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرۇش، ساياھەتچىلەرگە توكلۇق ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، تېخىمۇ «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ۋە يېشىل» قىياپەت بىلەن ھەر يەردىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى.

ھەر قېتىم بايرام-دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، بازىرى ئىتتىك مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارى سىناققا دۇچ كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى يېقىندا ساياھەت چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى ۋە ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ، شۇ كۈنكى ھاۋا رايى، ساياھەتچىلەر سانى، مەنزىرە رايونىنىڭ مۇھىتى، سۇ رايى ۋە سۇ سۈپىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى يولۇچىلار ئېقىمىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش، ئېقىم توسۇش، ئېقىمغا ئايرىش، قوماندانلىق قىلىشنى تەدبىر ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى.

چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرغان «بىر يانفون بىلەن سايرام كۆلىنى سەيلە قىلىش» ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ساياھەتچىلەرنى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ھاجەتخانا، داۋالاش نۇقتىسى ۋە توردا ئەرز-شىكايەت قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. خىزمەتچى خادىملار ساياھەتچىلەر ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان، دەرھال ساياھەتچىلەرنىڭ ئورۇن ئۇچۇرىغا ئېرىشىدۇ-دە، تېز سۈرئەتتە قۇتقۇزىدۇ، پۈتكۈل جەريانغا 10 مىنۇتمۇ كەتمەيدۇ.

سايرام كۆلى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىگە كىرىپلا، ئېگىزلىكى 1 مېتىردىن ئاشىدىغان ماشىنا ئادەمنى كۆرگىلى بولىدۇ. ساياھەتچىلەر ماشىنا ئادەمدىن «سايرام كۆلىنىڭ قايسى مەنزىرە نۇقتىلىرى بار؟» دېگەندەك سۇئاللارنى سورىسا بولىدۇ. خىزمەتچى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم «شياۋسەي» 5-ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ئاۋازلىق سۈرۈشتۈرۈش سۆزلىشىش قېتىم سانى 65 مىڭ قېتىمدىن ئاشقان. دەسلەپتە، «شياۋسەي» نۇرغۇن مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرەلمەيتتى، ئەمما قىيىن مەسىلىلەرنى «ئۆگىنىش» ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

سايرام كۆلى ساياھەتچىلىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تېخىمۇ «يېشىللاشتى». ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ، سايرام كۆلىدە ساياھەتچىلەر شەخسىي ئاپتوموبىلىنىڭ مەنزىرە رايونىغا كىرىشى مەنئى قىلىنىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەلىك رايونلار ئارا ئاپتوموبىل بىلەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە ئۆزگەرتىلدى. بىر قىسىم ساياھەتچىلەرنىڭ ئائىلە ئاپتوموبىلى ھەيدەش ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، مەنزىرە رايونى 40 ساپ ئېنېرگىيەلىك شەھەر دالا ئاپتوموبىلى كىرگۈزۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئىجارە ئېلىشىغا تەمىنلىدى. مەنزىرە رايونى يەنە 10 ئېلېكتىرلىك يەلكەنلىك كېمە كىرگۈزگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەر «مۇھىت بۇلغىماسلىق» ئاساسىدا كۆل سۈيى بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشالايدۇ.

يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا مۇھىت ئاسرايدىغان ھاجەتخانىلار كۆپەيتىلدى، يېمەك-ئىچمەك تۈرى مول ئاشخانىلار بىلەن تەمىنلىدى. ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىدىكى مېھمانخانا، ئۆي ئاپتوموبىللىرىدا قونۇشنى تاللاپ، «كېچىلەپ ساياھەت قىلىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېگىز تاغدىكى يۇلتۇزلۇق ئاسماننىڭ سېھرىي كۈچىدىن ھۇزۇرلانسا بولىدۇ.

سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ مىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە رايونىغا بېرىپ ساياھەت قىلىش ئۇسۇلى كۆپ ھەم مۇھىت ئاسرايدۇ، بۇ، مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلىش «قىزغىنلىق»ىنى ئاشۇردى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، سايرام كۆلى ساياھەتچىلىرى 690 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى