تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

پاچاق توم، قورساق چوڭ بولسا، مەزى بېزى راكى خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى بولىدۇ

ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە،، سېمىزلىك مەزى بېزى راكىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە دىياگنوز قويۇش ۋە كېسەللىك ئاقىۋىتى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەن. خارۋارد داشۆسى ئاممىۋى سەھىيە شۆيۈەنىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بەدەندىكى ماينىڭ ئالاھىدە تارقىلىشى بەلكىم بىر خىل مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل بولۇپ —— قورساق قىسمى ۋە پاچاقتا ياغ كۆپ بولسا، مەزى بېزى راكىنىڭ خەۋپ-خەتىرى چوڭ بولۇشى مۇمكىن.

يۇقىرىقى يەكۈننىڭ توغرا دەلىل-ئىسپاتىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن، تەتقىقات كوللېكتىپى كومپيۇتېر ئۈزۈلمە قاتلىمىدىن پايدىلىنىپ تەسۋىر ھاسىل قىلىش قىممەتلىك ئۆلچىمى بىلەن ئادەم بەدىنىدىكى ياغنىڭ تارقىلىشىنى ئۆلچىگەن ھەمدە ئىسلاندىيەلىك 1832 ئەرنىڭ مەزى بېزى راكى ۋە ئۆلۈم خەۋپىنى باھالىغان. 13 يىللىق ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىش مەزگىلىدە، 172 ئەر بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان، 31 ئەر كېسەل بىلەن قازا قىلغان. تەھلىلدە كۆرسىتىلىشىچە، بەدەندىكى ماينىڭ ئالاھىدە رايوندا يىغىلىپ قېلىشى (مەسىلەن، قورساق قىسمىنىڭ ئىچكى قاتلىمى، ئىچكى ئەزالار ئەتراپى ۋە تېرە ئاستىدا ياغ كۆپىيىش) مەزى بېزى راكى بولۇش نىسبىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ باغلىنىشچانلىق بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى بىر قەدەر تۆۋەن ئەرلەر ئىچىدە تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىدىكەن. تەتقىقات خۇلاسىسى «راك كېسىلى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان.

تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يېڭى بايقاش ياغنىڭ تارقىلىش ئەندىزىسى بىلەن مەزى بېزى راكى ئوتتۇرىسىدىكى تەسىر مېخانىزمىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە ھەمدە داۋالاش ئۇسۇلىنى يېڭى قاراش بىلەن تەمىنلەشكە پايدىلىق ئىكەن.

(خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى