تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش باشلاندى، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا 10 مىليون 183 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇش مۆلچەرلەندى

 تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ساۋ خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ تاۋ): 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، مۇخبىرلارنىڭ جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2019-يىللىق تۆمۈريولدا يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، جەمئىي 62 كۈن بولۇپ، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا 10 مىليون 183 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇش، كۈنىگە 164 مىڭ يولۇچى توشۇش مۆلچەرلەنگەن.

يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈريولى تىرانسپورتقا تەشكىللەشنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تىرانسپورت ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىپ، يازلىق تەتىلدە يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا بىخەتەر، تېز، ئازادە «يېشىل يول» بەرپا قىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ تۆمۈريولى بۇ يىلقى توققۇزىنچى قېتىملىق پويىزلارنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى تەڭشەشنى يولغا قويىدىكەن، شۇ چاغدا، لەنجوۋ-شىنجاڭ يولۇچىلار مەخسۇس لىنىيەسىدە قاتنايدىغان ئوق پويىزلارنىڭ قېتىم سانى قايتىدىن تىزىلىپ، 11.5 جۈپ ئوق پويىز قاتناشتىن توختايدىكەن، 18.5 جۈپ ئوق پويىز يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىكەن، ئوق پويىزنىڭ يۈرۈش ۋاقتى قىسقارتىلىپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 28 مىنۇت قىسقارتىلىدىكەن.

يازلىق تەتىللىك يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، شىنجاڭ تۆمۈريولى ئۈرۈمچىدىن قومۇلغا قاتنايدىغان ئوق پويىزلارنى ئۇلاپ قاتناشقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. ئوق پويىزلار ئۇلاپ قاتنىغاندىن كېيىن، توشۇش ئىقتىدارى بىر ھەسسە ئېشىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشى تېخىمۇ قولايلىشىدىكەن. ئەسلىدىكى ھەر جۈمە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قاتنايدىغان K9607/8 قېتىملىق ھەپتە ئاخىرىدىكى تېز پويىز يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ھەر كۈنى ياكى كۈن تاللاپ قاتناشقا ئۆزگەرتىلىدىكەن.

يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئۈرۈمچىدىن شاڭخەيگە قاتنايدىغان K4918/5، K4916/7 قېتىملىق ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىدىن 4نى، ئۈرۈمچى، لوياڭدىن شاڭخەيگە قاتنايدىغان ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىدىن 2نى كۆپەيتىپ، مەكتەپكە قايتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى توشۇشنى پىلانلىغان؛ چېڭدۇدىن ئۈرۈمچىگىچە قاتنايدىغان K4756/7،K4758/5 قېتىملىق پويىز، چۇڭچىڭ، ئەنكاڭدىن ئۈرۈمچىگىچە قاتنايدىغان K4732/3،K4734/1 قېتىملىق پويىز قاتارلىق 2 جۈپ ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىنى كۆپەيتىپ، ئاساسلىقى شىنجاڭغا كېلىپ پاختا تەرگۈچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى قاندۇرماقچى بولغان.

شىنجاڭدىن چىقىدىغان ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىنى كۆپەيتىشتىن باشقا، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يەنە 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە تۇرپاندىن قەشقەرگە قاتنايدىغان ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىنى كۆپەيتىپ، ئارىلىقتا جەنۇبىي شىنجاڭ يۆنىلىشىگە ئالمىشىدىغان پاختا تەرگۈچىلەرنىڭ پويىزغا چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن.

يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى-قورغاس-بېيتۈن-ئۈرۈمچى «سائەت ئىسترېلكىسى» يۆنىلىشىدىكى Y951، Y956/7،Y954 قېتىملىق پويىز، ئۈرۈمچى-بېيتۈن-قورغاس-ئۈرۈمچى «سائەت ئىسترېلكىسىغا قارشى» يۆنىلىشىدىكى Y953، Y958/5،Y952 قېتىملىق «شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىش» ساياھەت پويىزى ۋە ئۈرۈمچى-قەشقەر ئارىلىقىدا قاتنايدىغان Y962/3، Y964/1 قېتىملىق «جەنۇبىي شىنجاڭنى قانغۇچە تاماشا قىلىش» ساياھەت پويىزلىرى ئوخشاشلا ھازىرقى لايىھە بويىچە داۋاملىق يولغا قويۇلىدىكەن.

شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: يولۇچىلار 12306 تور بېكىتىگە چىقىش، يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، تېلېفون ئارقىلىق بېلەت زاكاز قىلىش، ۋوگزال بېلەت سېتىش كۆزنىكى، يولۇچىلار بېلىتىنى ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىسى، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسى ئارقىلىق ھەر قايسى قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ بېلىتىنى سېتىۋالسا بولىدۇ، تەپسىلىي ئەھۋاللارنى 12306 تور بېكىتى (www.12306.cn) ۋە «شىنجاڭ تۆمۈريولى» ئورگان مىكرو بىلوگى، ئۈندىدار سۇپىسى ياكى 12306 تۆمۈريول مۇلازىمەت تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى