تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاھاڭلىرى قايسىمۇ، كەنت ئاھالىلىر قەلبىدىكى ئەڭ گۈزەل مەدھىيەنى ئېيتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ يىمىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ ۋېي، جاڭ فېڭرۇڭ، ۋاڭ جيۇڭ، ما لۇڭ خەۋىرى، فوتوسى): «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم، مەن ۋەتىنىمدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلالمايمەن. مەيلى قەيەرگىلا باراي، ۋەتەننى مەدھىيەلەيمەن...»

  6-ئاينىڭ 30-كۈنى، كوناشەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسى ئېرىق بېشى كەنتىنىڭ ئېتىز باشلىرى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يەسلى ۋە مەدەنىيەت مەيدانلىرىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار، مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ۋە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بولۇپ 450 كادىر ۋە ئامما قولىدىكى دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» نى بىللە ئېيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك يۈرەك ساداسىنى تارقىتىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  كەسپىي ئاۋاز تەڭشىگۈچى يوق، چىراغلار چاقناپ تۇرغان سەھنە يوق، ھەتتا ئاھاڭلار قېيىپ كەتسىمۇ، لېكىن قەشقەر ۋىلايىتى زەمىن يېزىسى ئېرىق بېشى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى قەلبىدىكى ئەڭ گۈزەل مەدھىيەنى ئېيتتى.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى