تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

جۇڭگو سۇغا سەكرەش كوماندىسى دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلارنى ئېلان قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنى جىنەندىن بەرگەن تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغاندا، 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، شەندۇڭ جىنەندە يىغىلىپ مەشىق قىلىۋاتقان جۇڭگو سۇغا سەكرەش كوماندىسى دۇنيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان 18 كىشىلىك تىزىملىكنى ئېلان قىلغان.

  5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن بۇيان، جۇڭگو سۇغا سەكرەش كوماندىسى شەندۇڭدىكى مەشىق بازىسىدا ئالتە ھەپتە يېپىق ھالەتتىكى مەشىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، مەشىق 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، ئۇلار 7-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن كورېيەگە بېرىپ دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.

  دۆلەت سۇغا سەكرەش كوماندىسىنىڭ يېتەكچىسى جوۋ جىخۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جىنەندىكى مەزگىلدە، سۇغا سەكرەش كوماندىسى تۆت قېتىم سىناق ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق ئۇنىۋېرسال سىناققا ئاساسەن، جۇڭگو سۇغا سەكرەش كوماندىسى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى گۇاڭجوۋ(光州) دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان نامزاتلارنى ئېلان قىلغان، ئەر، ئايال ماھىرلارنىڭ ھەرقايسىسىدىن توققۇز كىشى بۇنىڭغا تاللانغان بولۇپ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەرلەر كوماندىسىدىن چېن ئەيسېن، ساۋ يۈەن، شيې سىچاڭ، ياڭ خاۋ، ياڭ جيەن، پېڭ جيەنفېڭ، ۋاڭ زۇڭيۈەن، ليەن جۈنجيې، چيۇ بو؛ ئاياللار كوماندىسىدىن شى يەنماۋ، ۋاڭ خەن، جاڭ جياچى، چېن يۈشى، لۇ ۋېي، چاڭ يانى، چېن يىۋېن، سى ياجيې، لىن شەن قاتارلىقلار.

  جوۋ جىخوڭ مۇنداق دېدى: گۇاڭجوۋ(光州) دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇھىم مۇسابىقە، شۇنداقلا سۇغا سەكرەش تۈرىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى ئۆلچىمىگە يېتىشتىكى بىرىنچى مۇسابىقە. كەينىدىنلا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا لوڭقىسى ۋە كېلەر يىلى 4-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىمۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : mutallip

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى