تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

جۇڭگو كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى سىنوك مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرەلمىدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنجىڭ، 6-ئاينىڭ 30-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋاڭ خېڭجى) بېۋېرلېي · 2019- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى سىنوك مۇسابىقىسى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى جياڭسۇ ۋۇشىدا ئاخىرلاشتى، شوتلاندىيە كوماندىسى جۇڭگو A كوماندىسى بىلەن جۇڭگو B كوماندىسىنى ئۇدا يېڭىپ چېمپىيون بولدى، جۇڭگو كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى سىنوك مۇسابىقىسىدە تۆتىنچى قېتىملىق چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمەي قالدى.

  بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە جەمئىي 23 دۆلەت ۋە رايوندىن 24 كوماندا، 48 ماھىر قاتناشقان، جۇڭگو كوماندىسى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان ئىككى كوماندا دىڭ جۈنخۇي، يەن بىڭتاۋدىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو A كوماندىسى، لياڭ ۋېنبو ۋە جوۋ يۆلۇڭدىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو B كوماندىسى بولۇپ، گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ۋە شاللاش مۇسابىقىسىدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ ئىككى كوماندىسى تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن ئىدى.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، 2015-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى سىنوك مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، شوتلاندىيە كوماندىسى جۇڭگو B كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشكەن ئىدى، شۇ ۋاقىتتا، يەن بىڭتاۋ بىلەن جوۋ يۆلۇڭدىن تەشكىللەنگەن كىچىك ماھىرلار گۇرۇپپىسى پىشقەدەم ماھىرلارنى يېڭىپ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىم چېمپىيون بولۇشىغا كۈچ چىقارغان ئىدى. 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، شوتلاندىيە كوماندىسى 0گە قارشى 4 نەتىجىدە جۇڭگو B كوماندىسىنى يېڭىپ، چېمپىيون بولدى، شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئۇدا چېمپىيون بولۇشىغا خاتىمە بېرىلدى.

  دۇنيا لوڭقىسى سىنوك مۇسابىقىسى خەلقئارالىق يۇقىرى ئۆلچەمدىكى سىنوك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى دۇنيا كەسپىي بىل ۋە سىنوك جەمئىيىتى (WPBSA)، جۇڭگو بىليارت جەمئىيىتى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى، ۋۇشى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، جياڭسۇ ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي تەنتەربىيە باشقۇرۇش مەركىزى، ۋۇشى شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۈستىگە ئالغان، ۋۇشى شەھەرلىك تەنتەربىيە كەسپى تەرەققىيات گۇرۇھى ھەمكارلاشقان، ۋۇشى شەھەرلىك تيەنجيەن تەنتەربىيە تىجارىتىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى مۇسابىقە ئىشلىرىنى تەشۋىق قىلغان ئورۇن بولغان، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسى 800 مىڭ دوللار (تەخمىنەن 5 مىليون 500 مىڭ يۈەن) بولۇپ، چېمپىيون كوماندا 200 مىڭ دوللار (تەخمىنەن 1 مىليون 370 مىڭ يۈەن)غا ئېرىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى