7-ئاينىڭ 1-كۈنى، كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكى ئەزالىرى قۇتۇبى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدە قوماندانلىق قىلىش-ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ شىنساۋ، نيې نىڭ) 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇش نەق مەيدان يىغىنى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قۇتۇبى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىگە كىرىپ، شىنتيەندى ئەدەبىيات-سەنئەت بوشلۇقى، شىنجاڭ شىيۈچۈن سۈتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق ئۈچ نۇقتىنى كۆزدىن كەچۈردى.
ئىگىلىنىشچە، قۇتۇبى ناھىيەسى ئاپتونوم رايون بېكىتكەن، ئاپتونوم رايون بويىچە باشلامچىلىق بىلەن يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرىدىغان 31 سىناق نۇقتا ناھىيەسىنىڭ بىرى ئىكەن، نۆۋەتتە «بىر قېتىمدىلا يىغىش، كۆپ مەنبەلىك ھاسىل قىلىش، كۆپ يوللاردا تارقىتىش» تەك پۈتۈن تاراتقۇ ۋاسىتىسىنىڭ مۇخبىرلىق-تەھرىرلىك تەرتىپى ۋە يىغىپ تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىش، ئۇچۇر تارقىتىش، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، پەيدىنپەي «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش»تەك خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ىنى ھەقىقىي ئاچىدىكەن.
7-ئاينىڭ 1-كۈنى، كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكى ئەزالىرى قۇتۇبى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدە قوماندانلىق قىلىش-ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.