تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   سۈرەتتىكى دۇنيا

قۇملۇقنىڭ چېتىدە قوغۇندىن مول ھوسۇل ئېلىندى

6-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدىكى دېھقانلار قوغۇن ئۈزمەكتە. 

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسى قوغۇندىن مول ھوسۇل ئېلىش پەسلىنى كۈتۈۋالدى، دېھقانلار قوغۇن ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، سىرتقا توشۇپ سېتىشقا تەييارلىق كۆردى. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان مارالبېشى ناھىيەسىدە تەبىئىي قۇمسىمان ئەت تۇپراق ۋە ھەر يىلى 200 نەچچە كۈنلۈك قىراۋسىز مەزگىل بار، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرنى قوشقاندا، قوغۇننىڭ ئۆسۈشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. مارالبېشى ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 2019-يىلى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ قوغۇن تېرىلغۇ كۆلىمى 10 مىڭ موغا يەتكەن، ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 25 مىڭ توننا ئەتراپىغا يېتىشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 35 مىليون يۈەندىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

6-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدە دېھقانلار قوغۇن ئۈزمەكتە.

6-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدە دېھقانلار ئەمدىلا ئۈزگەن قوغۇنلارنى كۆرسەتمەكتە.


6-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدە دېھقانلار ئەمدىلا ئۈزگەن قوغۇنلارنى توشۇماقتا.
(دىڭ لېي فوتوسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى «ئەڭ گۈزەل ئەنئەنىۋى كۆچۈش مەدەنىيىتى ۋارىسىنى باھالاش» پات ئارىدا باشلىنىدۇ
  • ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش
  • ئەخلەت توشۇش موتوسىكلىتى تارقىتىلدى