تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى بەرپا قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گو شيا خەۋىرى، فوتوسى): خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە، مېيىپ كەنت ئاھالىسى ما خۇچېڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پونكىتى قۇردى، بۇ ئۇنى نامرات ئاھالىدىن كەنتتىكى بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندۇردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يەرلىك «گۆھەر»لەرنى كەنتتىن چىقماي تۇرۇپمۇ كىشىلەرگە تونۇتتى. ھەرقايسى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەپ، بىر قىسىم دېھقان-چارۋىچىلارنى ئوتىغۇچ، مال قامچىسىنى تاشلاپ ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يۈزلەندۈرۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ھەميىنىنى تومپايتتى، بۇنىڭ بىلەن دېھقان-چارۋىچىلار خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا نىسبەتەن تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدى.

  ما خۇچېڭ دەل نەپكە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ بىرى ئىدى. «خىزمەت ئەترىتى مېنى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇشقا يېتەكلەپ، ماڭا مال سېلىپ بەردى، توردىن مال سېتىۋېلىش، توردا مال سېتىشنى قولمۇقول ئۆگىتىپ قويدى، مەن نامرات ئاھالىدىن بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندىم، بۇنىڭدىن ئىنتايىن مىننەتدارمەن.» ما خۇچېڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بايىلا ئۈرۈمچىدىكى جاۋ خانىمغا ئىككى «خېيلياڭفېڭ» يەرلىك توخۇسىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ جاۋ خانىمنىڭ ئۇنىڭ دۇكىنىدىن 4-قېتىم مال سېتىۋېلىشى ئىكەن، جاۋ خانىم يەنە دوستلىرىغىمۇ بۇ دۇكاننى تونۇشتۇرغان.

  چىلئۆزەك بازىرى قامىستىبۇلاق كەنتىنىڭ ئاھالىسى قانىيات غايىپنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا تاللا بازىرى كەنت ئاھالىلىرى بېرىشكە ئەڭ ئامراق جاي، بۇنى قانىيات دەسلەپتە ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.

  دەسلەپتە، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر پىكىر يولى بىرقەدەر جانلىق قانىياتنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا تاللا بازىرى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلغان، بىراق تەجرىبىسى كەمچىل، مەبلىغى يېتىشمىگەن قانىيات كۆڭلىدە ئەنسىرەپ قالغان ئىدى.

  كېيىن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم پاراڭلاشتى، ئۇنىڭ ئۈچۈن چارە ئويلاشتى، ئۇنىڭغا ئەقىل كۆرسەتتى. ئېلېكتىرونلۇق سودا تاللا بازىرى ئېچىلغاندىن كېيىن، قانىيات خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئۆزىگە بېيىش يولى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى بايقىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ئىشەنچكە تولدى.

  چولاقتېرەك بازىرى تاچابىس كەنتىنىڭ تېكەس ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 19 كىلومېتىر بولۇپ، تېكەس ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ تاچابىس كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پىكىر يولىنىڭ جانلىق، يېڭى شەيئىلەرنى ئاسان قوبۇل قىلىشتەك ئالاھىدىلىكىنى سەزگۈرلۈك بىلەن بايقاپ، تەۋەلىكتە ئۈچ «ئېلېكتىرونلۇق سودا مەخسۇس پوكىيى» تەسىس قىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە 19 قارار تەربىيەلەش كۇرسى تەشكىللەپ، يېزا تور دۇكىنى تېخنىكا ئىختىساسلىقىدىن 167 كىشىنى يېتىشتۈردى. يەرلىك خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئاساسلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرلىك خاس ماركا يارىتىپ، بۇ كەنتنىڭ «داڭلىق، ئەلا، خاس» يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىر-بىرلەپ تىزىمغا ئالدۇردى ھەمدە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلدى، «تېكەس قىزىل ئالمىسى» «تىيانشان مىيۈەن تاغ گۈلى ھەسىلى» قاتارلىق ئالتە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى، يەتتە يېشىل ئورگانىك مەھسۇلات ماركىسىنى يېتىشتۈردى.

  دېھقان خۇ چاڭۋۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر، بىزنىڭ <تېكەس قىزىل ئالمىسى> توردا ۋە ئەمەلىي دۇكانلاردا نام چىقاردى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىزگە ياردەم قىلىپ سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەرگىنىگە رەھمەت».

  نۆۋەتتە، تېكەس ناھىيەسىدە 48 يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا پونكىتى بار. تېكەس ناھىيەسى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى يۈ يۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇلتۇر ناھىيە بويىچە يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا پونكىتىنىڭ سېتىش سوممىسى 87 مىليون يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ بۇ يىل %20 تەدرىجىي ئېشىشىدا ئۈمىد بار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى