تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ياخشى ئۇخلىغاندا ئاغرىق پەسەيتكىلى بولىدۇ

ئامېرىكا ئالىملىرى يېقىندا تەتقىق قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇيقۇنىڭ ھارغىنلىقنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، يېتەرلىك زېھنىي كۈچ ۋە جىسمانىي كۈچنى تولۇقلاپلا قالماي، يەنە ئاغرىقنى ناھايىتى ياخشى پەسەيتىدىغانلىقىنى بايقىغان.

ئۇيقۇ بىلەن ئاغرىقنىڭ باغلىنىشچانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا كالىفورنىيە داشۆسى بېركېلېي شۆبە مەكتىپىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئىلگىرى ئۇيقۇ ۋە ئاغرىققا مۇناسىۋەتلىك توسالغۇسى بولمىغان 25 پىدائىينى قوبۇل قىلىپ تەجرىبە ئىشلىگەن. تەتقىقاتچىلار ئالدى بىلەن تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاغرىق چەك قىممىتىنى ئۆلچىگەن. ئۇلار تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ پۇتىنى قىزىتىپ، ئۇلارغا قىزىقنى ھېس قىلدۇرۇپ، تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلارغا ئاغرىق دەرىجىسىنى 1~10 ئارىلىقىدا باھالاتقۇزغان، ئۆلچەش جەريانىدا ئىقتىدارلىق ماگنىتلىق رېزونانسلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئەسۋابى بىلەن تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ چوڭ مېڭە ھەرىكىتىنى ئۆلچىگەن. ئارقىدىن، تەتقىقاتچىلار تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولغان ياكى يېتەرلىك بولمىغان ئەھۋالدا بۇ تەجرىبىنى قايتا-قايتا ئېلىپ بېرىپ، كۆپ قېتىم ئاغرىققا بولغان ئىنكاسلارنى باھالىغان. نەتىجىدە، تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتى بىر قەدەر ناچار بولغاندا، ئاغرىققا بولغان باھاسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسى ئاغرىق سېزىمىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، نېرۋا سىستېمىسى فۇنكسىيەسى بۇزۇلغان ۋە قالايمىقان ھالەتتە تۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن. تەتقىقاتچىلار يەنە ئالاقە تورىدا 230 پىدائىيغا قارىتا بىر تۈرلۈك توردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلار ئارقىلىق تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەر كۈنى كەچتىكى ئۇخلاش ۋاقتى ۋە ئىككىنچى كۈنىدىكى بەدەن ئاغرىش دەرىجىسىنى خاتىرىلىگەندىن كېيىن، ئۇيقۇ سۈپىتىدە ئىنچىكە ئۆزگىرىش يۈز بەرسىلا، بەدەننىڭ مەلۇم قىسىملىرىدىكى ئاغرىق سېزىمى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى بايقىغان. تەتقىقات خۇلاسىسى «نېرۋا ئىلمى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان.

تەتقىقاتچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇيقۇ ساغلاملىق ساھەسىدىكى بىر چوڭ ھالقىلىق تېما، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاغرىق بىمارلىرىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئۇيقۇنى ئاغرىق پەسەيتىدىغان تەبىئىي ئاغرىق توختىتىش دورىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : mutallip

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى