تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم تەقدىرلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارتلاردىن بولۇش، تىرىشىپ نەمۇنىچىلاردىن بولۇش

ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم تەقدىرلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى

چېن چۈەنگو سۆز قىلدى شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ قاتناشتى لى پېڭشىن تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى

6- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم تەقدىرلەش يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. سۈرەتتە: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىق رەھبەرلەر تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقاتماقتا.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم تەقدىرلەش يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى ۋە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقاتتى. تەقدىرلەنگەن مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى ۋە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي ھۆرمەت بىلدۈردى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە 98 يىلدىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ شانلىق مۇساپىسى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تارىخ شۇنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەمىز ماركسىزم بىلەن قوراللانغان سىياسىي پارتىيە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلايدىغان پارتىيە، تۈرلۈك بوران - چاپقۇنلارنىڭ سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن، تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن قەيسەر پارتىيە، ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا پارتىيە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، سوتسىيالىستىك شىنجاڭ بولمايتتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك، گۈزەل يېڭى تۇرمۇشى بولمايتتى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران - چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، غەيرەت - شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك. تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنىڭ شان - شەرەپنى قەدىرلەپ، مەغرۇرلۇق، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، يەنە يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى، يەنە ئەلا نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئىلغارلاردىن ئۆگىنىپ، ئىلغارلاردىن بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك. بىرىنچىدىن، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ غايە - ئېتىقادنى مۇستەھكەملەشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، سىياسىي مەيداننى مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تىرىشىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇن قورالى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، قانۇن ئىدارە قىلىش شەكلىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم مۇھىت يارىتىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بەشىنچىدىن، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشۇشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ئۆزىنى پارتىيەگە، دۆلەتكە بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك. ئالتىنچىدىن، تۈپ ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان، بەخت يارىتىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جان - دىلى بىلەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ «سىرداش»ىغا ئايلىنىش كېرەك. يەتتىنچىدىن، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنى تاۋلاپ، تىرىشىپ سىجىل ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، سەمىمىي گەپ قىلىپ، غەيرەتنى ئۇرغۇتۇپ، ئەسقاتىدىغان تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، چىڭ تۇتۇپ، نەتىجە - ئۈنۈم يارىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سەككىزىنچىدىن، پاك - دۇرۇس بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ دۇرۇس ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. باشتىن - ئاخىر كۆڭلىدە ئەيمىنىدىغان بولۇپ، توغرا كەيپىياتنى پۈتۈن ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرۈپ، پاك - دۇرۇس بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ئۈزلۈكسىز قويۇقلاشتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

يىغىن «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى» ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى، ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.