تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا ئاۋانگارتلاردىن، نەمۇنىچىلاردىن بولايلى

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

«1- ئىيۇل» پەيتىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم تەقدىرلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى. يىغىندا تارىخىي تەجرىبىلەر يەكۈنلىنىپ، پارلاق كەلگۈسىگە نەزەر سېلىنىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى ۋە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى داغدۇغىلىق تەقدىرلەندى، بۇ جەزمەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي - ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

ۋاقىت ئېتىقادنى تاۋلايدۇ، يىللار ئەسلىي مەقسەتكە گۇۋاھ بولىدۇ. مۇشۇ پەيتتە، جۇڭگو زېمىنىغا نەزەر سالساق، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە ئىدىيەۋى تاۋلىنىشنى قوبۇل قىلىپ، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن تىرىشماقتا. ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەسلىي مەقسىتىدە ئۇيۇل تاشتەك چىڭ تۇرۇپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۇلۇغ كۈرەشلەردە چېنىقىپ، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، ئۇلۇغ ئىشلاردا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى قاناتلاندۇرۇپ، 100 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان يەنىلا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، بىر ئەسىر ياپياش تۇرماقتا.

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىدى. 98 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشنى ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ قىلىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تارىخىدىكى جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان تەرەققىيات مۆجىزىلىرىنى ياراتتى؛ بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى غايەت زور سىياسىي جاسارىتى ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى يېڭى دەۋرگە كىرىشكە يېتەكلىدى. 98 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، سوتسىيالىزمنىڭ داغدام يولىدا شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتتى؛ بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇردى، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئېنىق ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇردى، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېيىتتى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بولمايتتى، سوتسىيالىستىك شىنجاڭ بولمايتتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك، گۈزەل يېڭى تۇرمۇشى بولمايتتى.

بۈگۈنكى جۇڭگو، بۈگۈنكى شىنجاڭ، بۈگۈنكى بىز، تارىخنىڭ چوققىسىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىمىز، تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە نۇرغۇن يېڭى ئۇلۇغ كۈرەشنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، ھەربىر پارتىيە تەشكىلاتى جەزمەن جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇشى، ھەربىر پارتىيە ئەزاسى جەزمەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەتئىي ئىرادىنى ساقلاپ، ئىشەنچكە تولۇپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن، يېڭى دەۋرگە تەۋە شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك.

بىر تەشكىلات بىر قورغان، بىر كومپارتىيە ئەزاسى بىر بايراق. ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى ۋە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى داغدۇغىلىق تەقدىرلىشى ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە روھىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك، شۇنداقلا پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئۈچۈن ئۆلچەم بايرىقى تىكلەپ بەرگەنلىك، ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەرگە ئۈلگە تېپىپ بەرگەنلىك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئىلغارلاردىن ئۆگىنىپ، ئىلغارلاردىن بولۇشقا تىرىشىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىكى ئاۋانگارتلاردىن بولۇشى، نەمۇنىچىلاردىن بولۇشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئاۋانگارتلاردىن بولۇشى، نەمۇنىچىلاردىن بولۇشى كېرەك.

نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىرىشىپ غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىشتىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. سىياسىي مەيداننى چىڭىتىپ، تىرىشىپ پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تىرىشىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ دېگەندە چىڭ تۇرۇش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇش كېرەك. باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ ئىش ئورنىنى سۆيۈش، كەسىپنى قەدىرلەش، ئۆزىنى بېغىشلاشتىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك. تۈپ ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەش، خەلققە بەخت يارىتىشتىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇش كېرەك. قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنى تاۋلاپ، تىرىشىپ سىجىل ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇش كېرەك. پاك - دۇرۇس بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ دۇرۇس ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇش كېرەك.

بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس تارىخىي بۇرچى بولىدۇ، بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس زىممىسىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەتلىك - ياراملىق بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلىساقلا، خەلق بىلەن بىللە ئىشلىسەكلا، بىز چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە، يارقىن، شانلىق شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتەلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى