تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۈرەش قىلىپ خۇش پۇراق كەسىپنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش

− ئىلى زىسۇلىرېن بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ياڭ جيەنشىن توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ دۇڭلەي، ۋاڭ تيېجۈن

6- ئاينىڭ 22- كۈنى، مۇخبىرلار شىنجاڭ ئىلى زىسۇلىرېن بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە كەلدى، بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى ياڭ جيەنشىننىڭ ئىشخانىسىدىن تارالغان چاينىڭ خۇش پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. بىنانىڭ ئاستىدىكى بىۋاسىتە ھېس قىلىش زالىدا، بالىلار ئۈستقۇددۇس سوپۇنى ياساۋاتاتتى، خانىملار يۈز چاپلىقىنى ئەپچىل ئىشلىتىشنى سىناق قىلىۋاتاتتى. ھازىر بۇ شىركەتنىڭ قورغاس ناھىيەسى، غۇلجا ناھىيەسىدىكى تېرىقچىلىق بازىلىرىدا 5000 مودىن ئارتۇق ئۈستقۇددۇس ئورۇش مەزگىلىگە كىرگەنىدى.

«شىركەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى ھالەتكە كېلىشىگە پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئىلگىرىلىگەنلىكىمىز ناھايىتى مۇھىم سەۋەب بولدى» دېدى ياڭ جيەنشىن.

ئىش ئورنىدىن قېلىشتىن ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكىچە

«2000- يىلى، مەن ئىش ئورنۇمدىن قالدىم» دېدى 56 ياشلىق ياڭ جيەنشىن ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ، كۆڭلى بىئارام بولغان ھالدا.

1980- يىلى، 17 ياشلىق ياڭ جيەنشىن ئىلىدىكى بىر 100 يىللىق كۆن - خۇرۇم زاۋۇتىغا كىرىپ خىزمەت قىلدى. توققۇز يىلدىن كېيىن، شۆبە زاۋۇتنىڭ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى بولغان ياڭ جيەنشىن شەرەپ بىلەن پارتىيەگە كىردى. «مەن ئالغا بېسىشقا ئىنتىلىدىغان ئادەم، ئۇ ۋاقىتتا ئەتراپتىكى مۇنەۋۋەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ پارتىيەگە كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئەزا بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلغانىدىم.» ياڭ جيەنشىن مۇنداق دېدى: «بىز غايە ۋە ئىنتىلىشكە تولغانىدۇق، قەتئىي ھالدا پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى ئارزۇ قىلاتتۇق».

«ھازىر ئويلىسام، ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلۇشنى ئىنتايىن توغرا چۈشىنىمەن.» ياڭ جيەنشىن مۇنداق دېدى: «زاۋۇتىمىزنىڭ گەرچە تارىخى ئۇزاق بولسىمۇ، بىراق ھۈنەر - سەنئىتى قالاق ئىدى».

2000- يىلى، كۆن - خۇرۇم زاۋۇتى ۋەيران بولۇپ تاقالغانلىقىنى جاكارلىدى، بارلىق خادىملار ئىش ئورنىدىن قالدى. «ئەينى ۋاقىتتا ناھايىتى گاڭگىراپ قالغانىدىم.» ياڭ جيەنشىن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «شۇ ۋاقىتتا غۇلجا شەھىرىدە كوچىغا قارايدىغان بىر ئېغىز ئۆيۈم بار ئىدى، ئىش ئورنىدىن قېلىشتىن بۇرۇن، ئاچام ماڭا ئازراق پۇل بېرىپ، ئەگەر ئىش ئورنىدىن قالسام قارتا - شاھماتخانا ئاچسام بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى».

«ئاخىر قارتا - شاھماتخانا ئاچتىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدى مۇخبىر.

«ياق، ئۇنى ھۈنەرخانا قىلدىم، مېنىڭ ئۈستقۇددۇس كەسپىم دەل ئاشۇ ئۆيدىن باشلانغان» بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندا ياڭ جيەنشىننىڭ كۆزىدىن نۇر چاقناپ كەتتى.

پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلىپ خۇش پۇراق كەسىپ يارىتىش

بىر تاسادىپىي پۇرسەتتە ياڭ جيەنشىن ئۈستقۇددۇسنى بىلدى، ئۇ ئۈستقۇددۇس تېرىلىدىغان چوڭ ئېتىزلارغا بېرىپ كۆردى، كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ ماتېرىيال كۆردى، يەنە گۇاڭجوۋغا بېرىپ گىرىم بۇيۇملىرى كەسپىنى ئىگىلىدى.

«ئەھۋال ئىگىلىگەندىن كېيىن، مەن ئۈستقۇددۇس ناھايىتى ئىستىقباللىق كەسىپ ئىكەن دەپ ھۆكۈم چىقاردىم» دېدى ياڭ جيەنشىن.

شۇنىڭدىن كېيىن، ياڭ جيەنشىن ئىگىلىك تىكلەش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى. 90 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئاشۇ ئۆيدە، ئۇ 12 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بىر كىچىك ھۈنەرخانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىر يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىغا ئايلاندۇردى.

«كارخانا تەرەققىي قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىدۇ، بىراق تۆۋەن چەكنىمۇ ساقلاش كېرەك.» ياڭ جيەنشىن مۇنداق دېدى: «بىر پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن، سەمىمىي تىجارەت قىلىش مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم ۋە تۆۋەن چېكىم بولۇپ كەلدى. بۇ مېنىڭ مۇھىم پەيتلەردە ئۆزۈمگە يۈز كېلەلەيدىغان، باشقىلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغان قارارلارنى چىقىرىشىمغا ئىمكانىيەت ياراتتى».

دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىلى ئۈستقۇددۇس بازىرىدا، ناچىرىنى ياخشى دەپ ساتىدىغان، قارىسىغا سودا قىلىدىغان ئىشلار كۆپ ئىدى. بىراق ياڭ جيەنشىننىڭ ھۈنەرخانىسى سۈپەتلىك مال، ئادىل باھاغا تايىنىپ، كۆڭۈل قويۇپ مۇلازىمەت قىلىپ، بازار رىقابىتىدە خېرىدار ۋە نامغا پەيدىنپەي ئېرىشىپ، تەدرىجىي ھالدا تەسىر كۈچىگە ئىگە بولدى.

ئېرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللىغانلىقى ياڭ جيەنشىننىڭ ھېلىھەم ئېسىدە. «ئەينى چاغدا پۇلىمىز يوق ئىدى، ئېرىمنىڭ مائاشى ياكى قەرز پۇلغا تايىنىپ ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە ئىش ھەققى بەرگەنىدىم. بىراق قانچە قىيىنچىلىق بولسىمۇ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرمىسام بولمايتتى، دۆلەتكە تاپشۇرىدىغان باجنى تاپشۇرمىسام بولمايتتى، ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرۇپ قويسام بولمايتتى».

ياڭ جيەنشىن ئىش ئورنىدىن قالغان ئايال ئىشچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى، نامرات ئائىلىلەردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشىنى تاماملىشىغا ياردەم بەردى. «ياڭ باش مۇدىر بىزنىڭ خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىمىز، شۇنداقلا تۇرمۇشتىكى ئائىلە باشلىقىمىز» دېدى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن زىسۇلىرېن شىركىتىگە كىرگەن ۋاڭ مېي. توققۇز يىلدىن كېيىن، ۋاڭ مېي زىسۇلىرېن شىركىتىنىڭ سېتىش باش نازارەتچىسى بولدى.

شىركەتنىڭ بىۋاسىتە ھېس قىلىش زالىدىكى مال جازىسىدا «قازاق سوپۇنى» دەپ بەلگە چاپلانغان ئەتىر سوپۇن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى. بۇ، شىركەتنىڭ نىلقا ناھىيەسى قاراسۇ يېزىسىغا ياردەم بەرگەن كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنىڭ مەھسۇلاتى ئىدى. ياڭ جيەنشىن ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەتتىن يېڭى ئامىللارنى توختىماستىن قېزىپ، ھۈنەر - سەنئەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاندىن ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن ئورتاق قۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

يېڭىلىق يارىتىش - ئۆزگىرىشكە ئىنتىلىش ئارقىلىق بازار ئېچىش

بۈگۈنكى كۈندە، ياڭ جيەنشىننىڭ شىركىتى شىنجاڭ ئۈستقۇددۇس كەسپى بويىچە ئەڭ چوڭ GMP (ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتىنى باشقۇرۇش ئۆلچىمى) ئۆلچەملىك ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا ئىگە بولدى؛ دۆلەت پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن تۈرى 30دىن ئېشىپ كەتتى؛ شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ئۈستقۇددۇس ۋە خاس يېزا ئىگىلىك بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى يادرو قىلغان يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش بوشلۇقى − ئىلى باديەن چۇاڭكې يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مەركىزىنى قۇرۇپ چىقتى، بىر قاتار يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى بۇ كارخانىنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى.

كارخانا يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغاندا، ياڭ جيەنشىن مەھسۇلاتنىڭ پەن - تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىنتىلىشكە باشلىدى. 2009- يىلى، شىركەت دۆلەت پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا نەتىجىسىنى ئۆزگەرتىش تۈرى بولغان ئۈستقۇددۇسنىڭ سۇپېركرىتىكلىق سۇيۇقلۇقىدىن كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى ئارقىلىق خۇش پۇراق ماي ئاجرىتىپ ئېلىش ھۈنەر - سەنئىتىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ئۈستىگە ئالدى؛ دۆلەتنىڭ «11- بەش يىللىق» پەن - تېخنىكا تىرىكى پىلانىنىڭ نۇقتىلىق تۈرى بولغان «دورا - دەرمەك بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە مەھسۇلات سۈپىتىنى كونترول قىلىش تېخنىكىسى تەتقىقاتى»نى تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى. 2011- يىلى، شىركەت دۆلەتنىڭ مەشئەل پىلانى تۈرى بولغان سۇپېركرىتىكلىق سۇيۇقلۇقتىن كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى ئارقىلىق ئاجرىتىپ ئېلىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۈستقۇددۇس خۇش پۇراق مېيى ئايرىپ ئېلىشنى كەسىپلەشتۈرۈشنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئۈستىگە ئېلىپ، دۆلىتىمىزدىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ئۈستقۇددۇس خۇش پۇراق مېيىنى ئايرىپ ئېلىشنىڭ ئىجادكارىغا ئايلاندى.

شىركەت مەۋقەنى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا قويۇپ، نەنجىڭ ياۋا ئۆسۈملۈكلەردىن پايدىلىنىش تەتقىقات يۇرتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىلى شۆبە يۇرتىنى تەسىس قىلدى؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى خۇش پۇراق ئۆسۈملۈكلەر تەتقىقات مەركىزى، شىنجاڭ ئۈستقۇددۇسنى تۈجۈپىلەپ پىششىقلاپ ئىشلەش قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزىنى قۇردى؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مۇكاپاتلاش تۈزۈمى تەسىس قىلىپ، ھەر يىلى %10تىن كەم بولمىغان سېتىش كىرىمىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا ئاجرىتىپ، ئۈستقۇددۇس كەسپىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

2010- يىلى زىسۇلىرېن شىركىتىنىڭ سودىگەرلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 21 ئۆلكە، شەھەرگە تارقالدى. 2016- يىلىدىن كېيىن، ئالاقە تورى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، زىسۇلىرېن شىركىتىنىڭ 100دىن ئارتۇق دۇكىنىنىڭ سودىسى ناھايىتى چوڭ تەسىرگە ئۇچرىدى.

2016- يىلى، 50تىن ئاشقان ياڭ جيەنشىن ئالاقە تورىغا دائىر بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. بىر يىل ۋاقىت ئىچىدىلا، ئۇ ئېلېكتىرونلۇق سودىنى بىلمەيدىغان كىشىدىن شىركەتنىڭ تەربىيەلەش لېكتورىغا ئايلاندى ھەم ھېس قىلىشنى ئاساس قىلغان، كۆپ قاتلاملىق ماركېتىڭ سېتىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدەندى.

بۈگۈنكى كۈندە، زىسۇلىرېن شىركىتىنىڭ 25 مو كۆلەمدىكى ئۈستقۇددۇس ئىجادىيەت كەسىپلەر باغچىسىدا سانائەت، ساياھەت، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش، ئىستىراھەت، مال سېتىۋېلىش، يېمەك - ئىچمەك، ياتاق قاتارلىق فۇنكسىيەلەر ئىنتايىن ياخشى بىرلەشتۈرۈلدى. «ئۈستقۇددۇس كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا، شىركىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچىمىز تولۇق» دېدى ياڭ جيەنشىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى