تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈللىنىش مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيلى

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىشقا، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. 7- ئاينىڭ 1- كۈنى، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە تىكلىدى، بۇ يۈز يىل دەل قاينام - تاشقىنلىققا تولدى!» ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە يۈرۈش قىلايلى، ئۇلۇغ ئىشلار ھەربىر كومپارتىيە ئەزاسىنى ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى شان - شەرىپىنى پۈتۈشكە چاقىرماقتا.

98 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە مەھكەم تايىنىپ، قاتمۇقات توسالغۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، كەينى - كەينىدىن غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان مۆجىزىلەرنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدىكى يېڭى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ 21- ئەسىردىكى يېڭى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنلىكىنىڭ 70- يىلى. 70 يىلدا مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەرنى يەڭدۇق، 70 يىلدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدۇق، پارتىيەمىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن «قابىل» ئىكەنلىكى، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن «كارغا كېلىدىغانلىقى»، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن «ياخشى» ئىكەنلىكىنىڭ جاۋابىنى جۇڭگو زېمىنىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە پۈتۈپ چىقتى، مىليونلىغان خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىغا پۈتۈپ چىقتى. بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا بېسىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشىنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت پارلاق ئىستىقبالنى كۈتۈۋالدى. بۈگۈن، جۇڭگودىن ئىبارەت شەرقتىكى قەدىمىي ھەم زامانىۋى بۇ چوڭ دۆلەت كۆتۈرەڭگۈ - روھلۇق قىياپەتكە كىردى، ئۆزگىرىشلەر خىلمۇخىل بولدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيىتى قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، مۆجىزىلەر جۇڭخۇا زېمىنىدا ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلمەكتە.

ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، بۇ نەقەدەر شانلىق مۇۋەپپەقىيەت - ھە! كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، بۇ نەقەدەر سەلتەنەتلىك مۇساپە - ھە! تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى: پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدۇ؛ پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنى ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلىيەلەيدۇ.

بۈگۈن بىز يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمىز، شۇنداقلا دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. بىز كۈرمىڭلىغان تاغ - دەريالارنى بېسىپ ئۆتكەن بولساقمۇ، لېكىن يەنىلا تاغ - داۋانلاردىن ئېشىشىمىزغا، دەريالارنى كېچىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بۇرچ تېخىمۇ شەرەپلىك، ۋەزىپە تېخىمۇ مۈشكۈل، خىرىس تېخىمۇ كەسكىن، خىزمەت تېخىمۇ ئۇلۇغ. مۇشۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ ئەسلىي مەقسەت ئارقىلىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھى، بۇرچ ئارقىلىق جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش ئىرادىسى، مەڭگۈ بوشاڭلىق قىلمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن، تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەت ۋە ئوڭۇشسىزلىق، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن باتۇرلۇق بىلەن غالىب كېلىپ، ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ مېڭىشىمىزغا تېخىمۇ توغرا كېلىدۇ. پۈتۈن پارتىيەدە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت.

«ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ھازىرقى زامان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم، ئەڭ رېئال بۇرچى - مەسئۇلىيىتى، بۈگۈن، بىز «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمىز، بىرىنچى 100 يىللىق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، ئىككىنچى 100 يىللىق نىشاننىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىشىمىز كېرەك. ئىدىيە بىلەن پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە بىلەن پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە بىر قېتىم يۈكسىلىپ، روھىي جەھەتتە بىر قېتىم تاۋلانغاندىلا، بىز ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈللىنىش مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىيەلەيمىز. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئىدىيەدىن ئىبارەت بۇ رولنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ پارتىيەمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك؛ ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك سىنىپىي ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئۇلىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك؛ ئىنقىلابىي ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى قەدەممۇقەدەم گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. پەقەت بىز ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئۆزىمىز ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئاڭلىق ھالدا خەلق بىلەن ئوي - پىكىردە بىللە بولۇپ، بىللە ئىشلىسەكلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمىنى ھېچنېمە توسۇپ قالالمايدۇ.

توقسان مىڭ گەز كۆكتە ئەنقا پەرۋاز قىلماقتا، يېڭى مۇساپىدە ئەسلىي مەقسەتنى چېنىقتۇرۇش كېرەك. 98 يىلنى بېسىپ ئۆتۈپ، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى ئۇزۇن سەپىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، پارتىيە قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ كۈرەش قىلىش روھىنى مەڭگۈ ساقلىشىمىز، خەلققە بولغان ساپ قەلبنى مەڭگۈ ساقلىشىمىز كېرەك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تولۇق تەييارلىق قىلىپ، رولنى چىڭ تۇتۇپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى يۈكلەنگەن جۇڭخۇا ناملىق غايەت زور پاراخوتنى داۋاملىق دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىتىپ، يەلكەن چىقىرىپ يىراققا سەپەر قىلدۇرۇپ، غەلىبىلىك ھالدا تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە قاراپ ھەيدەيلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى