ساياھەتچىلەر قولۋاقتا سەيلە-ساياھەت قىلماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز ياڭ شو): قولۋاق ھەيدەپ، دولقۇنلاپ تۇرغان كۆل يۈزىدە ئايلىنىش، بىر قانچە دوست لاپاس ئاستىدا ئولتۇرۇپ مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىش... ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن ھەپتە ئاخىرىدا، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسىنىڭ كانچى سۇلۇق يەر باغچىسى 5000دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، كۆپچىلىك گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ، دېھقانلار قورۇمىلىرىنى تېتىپ، تولىمۇ خۇشال بولدى.
«بۇ يەر ناھىيە بازىرىغا ئون مىنۇتلۇق يول ئىكەن، سەھرا پۇرىقى قويۇق، كالا-قويلار توپ-توپ بولۇپ يۈرىدىغان بولۇپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن». 6-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرى ئاھالىسى ليۇ تاۋ ئۆزىنىڭ ھەپتە ئاخىرىدىن پايدىلىنىپ بالىسىنى ئېلىپ كانچى سۇلۇق يەر باغچىسىغا ئوينىغىلى كەلگەنلىكىنى، خۇشال كېلىپ خۇشال قايتقانلىقىنى ئېيتتى.
باغچىنىڭ مەركىزىي سۇ رايونىدا، كانچى يېزىسى ئارال كەنتىدىكى نامرات كەنت ئاھالىسى ئەيسا ھىمىت قاتارلىق يەتتە كىشى قولۋاق رېمونت قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە تەييارلاۋاتاتتى. ھەر قېتىم بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىگە توغرا كەلگەندە، ئۇلا قولۋاق قاتارلىق سۇ ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىدىن كۈنىگە 1000 يۈەندىن كۆپ كىرىم قىلىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ غەيرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.
«بۇ تۆت قولۋاقنى باي ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مەبلەغ چىقىرىپ سېتىۋالغان، بىر يىللىق تىجارەت ئارقىلىق، بىز مەبلەغنى قايتۇرۇپ بولغاندىن باشقا، يەنە خېلى كۆپ پايدا ئالدۇق.» ئەيسا ھىمىت ئۇلارنىڭ قىشتا قار تېيىلىش ئاپتوموبىلى ئىجارىگە بېرىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىر نەچچە يىلدا، كانچى يېزىلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى كەنتنىڭ ئەۋزەل بايلىقىنى تۇتقا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتماسلىق ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، بۇ سۇلۇق يەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە 50 نەچچە ئائىلىلىك نامرات كەنت ئاھالىسىنى «كانچى رېنجيا» ساياھەت كوپىراتىپى قۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بەرگەن.
ساياھەتچىلەر گۈل دېڭىزىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.