تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مائارىپ

شىنجاڭنىڭ 2019-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى باشلىنىدۇ

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ): شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2019-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى رەسمىي باشلىنىدۇ، 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاخىرلىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تولۇق كۇرس ئالدىنقى تۈركۈمى، نامرات رايونلار مەخسۇس تۈرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى بويىچە تولۇق كۇرس 1-تۈركۈم، ئۆز ئالدىغا تاللاپ قوبۇل قىلىش تۈركۈمى (تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمنىڭ ئالدىغا تەسىس قىلىنغان)، تولۇق كۇرس 1-تۈركۈم، نامرات رايونلار مەخسۇس تۈرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى بويىچە تولۇق كۇرس 2-تۈركۈم، تولۇق كۇرس 2-تۈركۈم، ئالىي كەسپىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) ئالدىنقى تۈركۈمى، ئالىي كەسپىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) تۈركۈمىدىن ئىبارەت جەمئىي سەككىز تۈركۈم بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە جەمئىي بەش قېتىم ئارزۇ توپلاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۈچ مەكتەپنىڭ ئالىي تېخنىكوم تۈركۈمى ۋە ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) ئالدىنقى تۈركۈمىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەر قايسى تۈركۈملەرنىڭ كونكرېت قوبۇل قىلىش خىزمەت ۋاقتى، ئارزۇ توپلاش ۋە قوبۇل قىلىش خىزمەت ۋاقتى تۆۋەندىكى جەدۋەلدە كۆرسىتىلدى.

رەسىم مەنبەسى: «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ-ئىمتىھان يۇرتى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارغا مۇنۇلارنى جىددىي ئەسكەرتىدۇ: 2019-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەر داۋاملىق باشقا جايدا يىراق مۇساپىلىك توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ، باشقا قوبۇل قىلىش شەكىللىرى مەۋجۇت ئەمەس. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىغۋاغا ئىشەنمەي، ئىغۋا تارقاتماي، مۇداپىئە ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ-ئىمتىھان يۇرتى ھەر كۈنى قەرەللىك ھالدا شۇ كۈندىكى قوبۇل قىلىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى يېڭىلايدۇ ھەمدە «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى(http://www.xjzk.gov.cn )»غا يوللايدۇ، شۇ چاغدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى» ئارقىلىق ئىمتىھانغا قاتنىشىش نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى