تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئۇزۇن ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلماسلىق ۋىنا قان نوكچىسىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن

ياپونىيەنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزۇن ۋاقىت ئاپتوموبىل قاتارلىق تار بوشلۇقتا ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلماسلىق، ۋېنا قان نۆكچىسىنى پەيدا قىلىپ، ئارقىدىن جىددىي خاراكتېرلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. تەتقىقاتچىلار ئالاقىدار تارماقلارنى ئاممىنىڭ بۇ ساغلاملىق خەۋپ-خەتىرى ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشكە مۇراجىئەت قىلدى.

2016-يىل 4-ئايدا شيۇڭبېندا يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، شۇ جايدا ئىزچىل قالدۇق يەر تەۋرىگەن. ئۆيدىن تارقاقلاشتۇرۇلغان نۇرغۇن كىشىلەر پاناھ جاي ياكى ئاپتوموبىلدا قونغان. شيۇڭبېندىكى يەر تەۋرەش قان نۆكچىسى ۋە توسۇلۇش قوغداش تۈرىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئۆيىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان شۇ جايدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پۇتىدا قان نۆكچىسى پەيدا بولغانلىقىنى، يەنە بىر قىسىم كىشىلەردە ئۆپكە كەپلەشمىسى كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىغان.

بۇ تۈرنى تەكشۈرگۈچىلەر شۇ جايدىكى 21 داۋالاش ئاپپاراتى تارقاتقان تەكشۈرۈش قەغىزىدىن، قان نۆكچىسى ۋە توسۇلۇش بىلەن دوختۇرخانىغا كىرگەن 51 بىمار ئىچىدىكى 35 بىماردا ئۆپكە كەپلىشىشى كۆرۈلگەنلىكىنى، 42 بىماردا، يەنى %82.4 كىشىدە قان نۆكچىسى ۋە توسۇلۇش ئالامەتلىرى پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن ئاپتوموبىلدا قونغانلىقىنى بايقىغان.

بۇ تەكشۈرۈشكە باشلامچى بولغان شيۇڭ بېن داشۆ تېببىي پەن ئاسپىراتنلار شۆيۈەنى يۈرەك قان تومۇر شىسىنىڭ پروفېسسورى ئوزاۋامۇيۈەن «كانادا يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىلمى ژۇرنىلى»دا، تېببىي خادىملارنىڭ قان نۆكچىسى ۋە توسۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ھەمدە ئاممىغا كېسەلگە ئالاقىدار تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىش كېرەك، مەسىلەن، پاناھ جاي قاتارلىق سورۇنلاردا ئەسكەرتكەندە، كىشىلەرنىڭ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

بۇ ژۇرنالنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، كانادا مونترېئال يۈرەك تەتقىقات ئورنىدىكى ستەنلي ناتېل، بۇ تۈرلۈك تەتقىقات ئۇزۇن ۋاقىت تار بوشلۇقتا ھەرىكەت قىلماسلىقنىڭ ساغلاملىققا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىنتايىن ياخشى مىسال بىلەن تەمىنلىدى، دەپ قارىدى، شۇڭا كىشىلەرنى ئايروپىلاندا ئولتۇرغاندا ياكى ئۇزۇن ۋاقىت ئاپتوموبىل ئىچى قاتارلىق بوشلۇقتا تۇرۇشقا مەجبۇر بولغاندا، قەرەللىك ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىپ قان نۆكچىسى ۋە توسۇلۇش كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەسكەرتتى.

خەلق تورىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى