تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

گۈلسامساق خاس تېرىقچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش (2)


   دەسلەپكى «جەڭ»دە غەلىبە قازىنىلدى! بۇ جاڭ جېنفاڭنىڭ گۈلسامساق تېرىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. 2018-يىلى 4-ئايدا، ئۇنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن، خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭغا يەنە ياردەم قىلىپ قىزىل گۈللۈك گۈلسامساق، چار پوستلۇق گۈلسامساق قاتارلىق يېڭى سورتلارنى كىرگۈزۈپ بەردى.

     گۈلسامساقنىڭ داڭقىنى چىقىرىش، داڭلىق ماركا ئۈنۈمى يارىتىش، سېتىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەكلىپى ۋە ياردىمى ئاستىدا، جاڭ جېنفاڭ خۇاڭگۇڭ بازىرى شۆياۋ گۈلسامسىقى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قۇرۇپ، «شۆياۋ گۈلسامسىقى» تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇردى. بۇنىڭدىن سىرت، خىزمەت ئەترىتى يەنە شىخو شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ، جاڭ جېنفاڭغا ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئاز سوممىلىق قەرز پۇلى ئىلتىماسى قىلىپ بېرىپ، ۋاكۇئۇملۇق ئوراش ماشىنىسى، ئارىلاشمىلارنى چىقىرىۋېتىش ماشىنىسى، قۇرۇتۇش ماشىنىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى سېتىۋالدى.

     گۈلسامساق ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشتا، سېتىلىش مۇھىم ھالقا. بۇنىڭغا قارىتا، خىزمەت ئەترىتى ئۈندىدار، QQ قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق ئېلان - تەشۋىقات ئېلىپ باردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئالاقە تورى + خېرىدار +  دۇكان» سېتىش ئەندىزىسى ئارقىلىق، شىخو شەھىرىدىكى تور سۇپىسى «ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك مىكرو تۇرمۇش» بىلەن ھەمكارلىق ھاسىل قىلدى، توردا سودا سىستېمىسى بەرپا قىلدى، خېرىدارلار يان تېلېفونى ئارقىلىق يېڭىدىن ئۈزۈلگەن گۈلسامساق، قۇرۇتۇلغان گۈلسامساق، يېڭى گۈلسامساق، گۈلسامساق غولى قاتارلىق تۆت خىل تۈردىكى گۈلسامساق مەھسۇلاتىنى  سېتىۋالالايدىغان بولدى.

     گۈلسامساقنىڭ سۈپىتى ياخشى، مال يەتكۈزۈپ بېرىشكە قولايلىق ھەم ئوڭاي. تېزلا، جاڭ جېنفاڭ تېرىغان گۈلسامساقلارنىڭ سېتىش يوللىرى كۈيتۈن، مايتاغ، قاراماي قاتارلىق جايلارغا كېڭەيدى.

     «ئالاقە تورىدا سېتىش نۇرغۇن ئوتتۇرا ھالقىلارنى يوق قىلىدىكەن، سېتىۋالغۇچى يېڭى، «يېشىل» گۈلسامساقنى سېتىۋېلىپلا قالماي، ساتقۇچىنىڭ تەننەرخىمۇ تۆۋەنلەيدىكەن، بۇ <قوش پايدا ئېلىش> تەدبىرىدۇر !» دېدى جاڭ جېنفاڭ ئانالىز قىلىپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : mutallip

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى