تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنىڭ يۈرەك، مېڭە، بۆرەككە بولغان زىيىنى ئەڭ ئېغىر

دۆلىتىمىزدە تەخمىنەن بەش ياشانغان ئادەمنىڭ ئۈچىدە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بار. نۇرغۇن ياشانغانلارنىڭ قارىشىچە، قان بېسىمى نىسبەتەن يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق بىئارامسىزلىق ھېس قىلمىسا، داۋالاش ئېلىپ بارمىسىمۇ بولىدىكەن. بۇ ئىنتايىن خاتا قاراش. نۇرغۇن يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىدا ئۇزۇن مەزگىل ھەر خىل ئالامەتلەر كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما، بۇ «زىيانغا ئۇچراتمايدۇ» دېگەنلىك ئەمەس.

ئورگانىزىم ئۇزۇن مەزگىل «يۇقىرى بېسىم» ھالىتىدە تۇرغاندا تۆۋەندىكىدەك زىيانلىنىش يۈز بېرىدۇ: 1. بەدەندىكى ھەرقايسى ئورگانىزىملاردىكى كىچىك قان تومۇرلار، مىكرو قان تومۇرلارنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تارتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەسلەپكى مەزگىلدە بىمارلاردا بىئارامچىلىق بولمايدۇ، مەلۇم تەكشۈرۈشتە بايقىلىدۇ، ئاخىرقى مەزگىلدە ئەزالاردا ئىقتىدارىنى يوقىتىش ھەتتا زەئىپلىشىش ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. قان بىلەن تەمىنلەش مول بولغان ئەزا، مەسىلەن بۆرەكتىكى بۇ خىل ئۆزگىرىش كۆرۈنەرلىك بولىدۇ؛ 2. يۇقىرى قان بېسىم ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، داغ پارچىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭىيىپ، قان-تومۇرلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ياكى داغ پارچىسىنىڭ يېرىلىشىدىن جىددىي خاراكتېرلىك قان نوكچىسى ۋە توسۇلۇش كۆرۈلىدۇ. مەيلى قايسى خىل ئەھۋالغا يولۇقمايلى، قان بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەزادا ئېغىر دەرىجىدە قان كەمچىل بولۇش، ھەتتا نېكروزلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

چوڭ مېڭە يۇقىرى قان بېسىمنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئاسان ئۇچرايدىغان ئەزا بولۇپ، جانغا زامىن مېڭىگە قان چۈشۈش ياكى مېڭە توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى تۇيۇقسىز سۆزلىيەلمەسلىك، يارتا پالەچ، يېرىم بەدەندە سېزىم بولماسلىق قاتارلىقلار.

يۈرەك تەسىرگە ئۇچرايدىغان يەنە بىر ئەزا بولۇپ، قان بېسىم ئۆرلىگەندە يۈرەك تېخىمۇ كۆپ قارشىلىق كۈچىنى يېڭىش ئارقىلىق قاننى پۈتۈن بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزىدۇ، شۇڭا ئۇ بارغانسېرى قېلىنراپ، مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ ئېغىرلاپ، ئاخىرىدا زەئىپلىشىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك-مۇسكۇل تىقىلمىسىنى، ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

قان بېسىمنىڭ ئىزچىل يۇقىرى بولۇشى بۆرەك قان تومۇرلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، بۆرەككە قان يېتىشمەي، ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەسلەپكى مەزگىلدە سۈيدۈك قېتىم سانى ئازىيىپ، ئاقسىل سىيىش كۆرۈلىدۇ، كېيىنكى مەزگىلدە بۆرەك ئىقتىدارى ياخشى بولماسلىق، سۈيدۈك يوق بولۇش كۆرۈلۈپ، دىئالىزلاش قاتارلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلەشكەندە قان بېسىم تېخىمۇ يۇقىرىلاپ، يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش كېلىپ چىقىدىكەن.

قان بېسىم يۇقىرىلىغاندا كۆرۈش تور پەردىسى قان تومۇرىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرايدۇ، مەسىلەن، سىپازما، قېتىشىش ۋە قاناش كۆرۈلۈپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى