تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

گۈلسامساق خاس تېرىقچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش

«يەنە بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ گۈللەرنى ساياھەتچىلەر ياكى كەنت ئاھالىلىرى ئۈزۈپ، گۈلسامساق چېيى قىلىپ قۇرۇتىدۇ، بۇلار بىزنىڭ بېيىش ‹ئەڭگۈشتەرىمىز›!» 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىخو شەھىرى خۇاڭگۇڭ بازىرى ئاقچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جاڭ جېنفاڭ مەيىن شامالدا لەرزان ئىرغاڭلاۋاتقان گۈلسامساقلارغا قاراپ ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.

جاڭ جېنفاڭ ۋە ئۇنىڭ بېيىش ‹ئەڭگۈشتەرى›ــ يېمەكلىك گۈلسامسىقىنىڭ ھېكايىسىنى 2016-يىلدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

 ئاقچى كەنتىنىڭ شىخو شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 14 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇزاقتىن بۇيان كەنت ئاھالىلىرى كېۋەز تېرىشنى ئاساس قىلىپ كەلدى، تۈرى بىرلا خىل، باھاسى مۇقىم بولماسلىق قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار تۈپەيلىدىن ئىقتىسادىي ئۈنۈم يۇقىرى بولمىدى. شىخو شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاقچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ قىيىن مەسىلىگە قارىتا، ئاممىنىڭ پىكىرىنى ئېلىش ئاساسىدا، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن كېڭىشىپ قارار قىلغاندىن كېيىن، باھاسى مۇقىم، پايدىسى يۇقىرىراق بولغان يېمەكلىك گۈلسامسىقى تېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىش يولىغا باشلاشنى قارار قىلدى.

2016-يىلى 4-ئايدا، خىزمەت ئەترىتى كەنتتە ھۆددىگە ئالغان تەجرىبە ئېتىزىغا «پىدائىي» قوبۇل قىلدى، ئەزەلدىن گۈلسامساق تېرىش تەجرىبىسى بولمىغان كەنت ئاھالىلىرى كۆڭلىدە ئارىسالدى بولۇپ، ئۇزۇنغىچە تىزىمغا ئالدۇرمىدى. خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، جاڭ جېنفاڭ تۇنجى بولۇپ بۇ ئىشقا جۈرئەت قىلغان ئادەم بولۇپ، 50 مو گۈلسامساق تەجرىبە ئېتىزىنى ھۆددىگە ئالدى.

ياردەم قىلىپ ئالاقىلىشىپ، گەنسۇ ئۆلكسىدىن لەنجوۋ گۈلسامسىقى ئۇرۇقى سېتىۋېلىش، تۇپراقنى ياخشىلاش لايىھەسى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش، مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئوغۇت سېتىۋېلىش... جاڭ جېنفاڭنىڭ گۈلسامساق تېرىقچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەت ئەترىتى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە كۈچلۈك نۇرنىڭ گۈلسامساقنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇنى گۈلسامساق ئېتىزىدا كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنى كىرىشتۈرۈپ تېرىشقا ئىلھاملاندۇردى.

خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ما گوچياڭ(سولدا) جاڭ جېنفاڭنىڭ گۈلسامساقنىڭ يىلتىزسىمان غولىنى تازىلىشىغا ياردەملەشمەكتە.

2017-يىلى 10-ئايدا، جاڭ جېنفاڭنىڭ گۈلسامساق تەجرىبە ئېتىزىدىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، مو بېشى مەھسۇلاتى 400 كىلوگرامغا يەتتى، كۆممىقوناق كىرىشتۈرۈپ تېرىغاننى چىقىرىۋەتكەندە، مو بېشى ساپ كىرىمى 10 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

«ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئۈندىدار سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : mutallip

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى