تىيانشان تورى خەۋىرى (قومۇل گېزىتى مۇخبىرى ساۋ شىنجيا فوتوسى خەۋىرى) يايلاقنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان، دەريا ئېقىنلىرى بىلەن قورشالغان، مەملىكەت بويىچە قۇم تېيلىش ئاۋازى ئەڭ يۇقىرى شىنجاڭ تىيانشان قارىغايلىرى ئاستىدىكى قومۇل مىڭشا تېغى مۇشۇنداق سىرلىق ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.
يازدا تاڭ نۇرى، كەچكى شەپەق نۇرى ئاستىدا، قومۇل مىڭشا تېغىدىكى قۇم دۆۋلىرى ئالتۇندەك پارقىراپ خۇددى بىر ئالتۇن تاغدەك كۆرۈنىدۇ. مىڭشا تېغىنىڭ بىر نەچچە غەلىتە يېرى بار ، بۇنى ساياھەتچىلەر ھەر قانچە ئويلاپمۇ ييېشەلمىدى: نەلەنگەر يايلىقىدىكى مىڭ گېكتار زۇمرەتتەك دولقۇنغا جايلاشقان قۇم تاغ نەدىن كەلگەن؟ كۈندۈزى كىشىلەر قۇم تاغقا يامىشىپ قالدۇرۇپ قويغان ئاياغ ئىزىدىن، نېمىشقا ئىككىنچى كۈنى ئەسەر قالمايدۇ؟ يايلاقتىكى دەريا-ئېقىنلىرى بىلەن قورشالغان قۇم تاغ قۇمىنىڭ تەركىبىدىكى سۇ مىقدارىمۇ ئاز ئەمەس، نېمە ئۈچۈن ئوت-چۆپ ئۈنمەيدۇ؟
سىرلىق مىڭشا تېغى بۇ يىل ساياھەت تارماقلىرى تەرىپىدىن «بېرىشقا تېگىشلىك» مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلدى، ئۇ يەنە بىر قېتىم ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ.