تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە توققۇز تۈرلۈك جازا ئۆتەۋاتقان جىنايەتچىلەرگە ئالاھىدە كەچۈرۈم يولغا قويۇلدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئالاھىدە كەچۈرۈم پەرمانى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە توققۇز تۈرلۈك جازا ئۆتەۋاتقان جىنايەتچىلەرگە ئالاھىدە كەچۈرۈم يولغا قويۇلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 29- كۈنى ئالاھىدە كەچۈرۈم پەرمانى ئىمزالاپ ئېلان قىلىپ، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11- يىغىنىدا 6- ئاينىڭ 29- كۈنى ماقۇللانغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە بىر قىسىم جازا ئۆتەۋاتقان جىنايەتچىلەرنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن، توققۇز تۈرلۈك جازا ئۆتەۋاتقان جىنايەتچىلەرگە ئالاھىدە كەچۈرۈمنى يولغا قويدى.

دۆلەت رەئىسىنىڭ ئالاھىدە كەچۈرۈم پەرمانىغا ئاساسەن، 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن بۇرۇن خەلق سوت مەھكىمىسى چىقارغان كۈچكە ئىگە ھۆكۈمى بويىچە جازا ئۆتەۋاتقان توققۇز تۈرلۈك جىنايەتچىلەرگە ئالاھىدە كەچۈرۈم يولغا قويۇلدى: بىرىنچى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىغا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقانلار؛ ئىككىنچى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش تاشقى ئۇرۇشىغا قاتناشقانلار؛ ئۈچىنچى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلىرىغا بىرقەدەر زور تۆھپە قوشقان ھەم ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىكتىن يۇقىرى «ئەمگەك نەمۇنىچىسى» «ئىلغار خىزمەتچى» «1- ماي ئەمگەك مېدالى» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەنلەر؛ تۆتىنچى، ئىلگىرى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن ھەم شەخسلەر بويىچە 1- دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خىزمەت كۆرسىتىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر؛ بەشىنچى، قوغدىنىش چەكتىن ئېشىپ كېتىش ياكى خەۋپتىن ساقلىنىش چەكتىن ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ياكى قالدۇق جازا مۇددىتى بىر يىلدىن تۆۋەن بولغانلار؛ ئالتىنچى، 75 ياشقا توشقان، تېنى ئېغىر مېيىپ بولغان ھەم تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدىغانلار؛ يەتتىنچى، جىنايەت ئۆتكۈزگەندە 18 ياشقا توشمىغان، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ياكى قالدۇق جازا مۇددىتى بىر يىلدىن تۆۋەن بولغانلار؛ سەككىزىنچى، جورىسى ئۆلۈپ كەتكەن ھەم قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى بار ياكى تېنى ئېغىر مېيىپ، تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان پەرزەنتلىرى بار، ھەقىقەتەن ئۆزى بېقىشى زۆرۈر بولغان ئاياللاردىن، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ياكى قالدۇق جازا مۇددىتى بىر يىلدىن تۆۋەن بولغانلار؛ توققۇزىنچى، شەرتلىك قويۇپ بېرىشكە كېسىم قىلىنىپ بەشتىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق شەرتلىك قويۇپ بېرىش سىناق مۇددىتى ئىجرا قىلىنغانلار ياكى رېجىمغا ھۆكۈم قىلىنغانلار.

دۆلەت رەئىسىنىڭ ئالاھىدە كەچۈرۈم پەرمانىدا شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرىقى توققۇز تۈرلۈك ئوبيېكتنىڭ ئىچىدە، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىنمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بىرىنچى، 2-، 3-، 4-، 7-، 8-، 9- تۈردىكى ئوبيېكتلار ئىچىدىكى خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەر، ھەربىيلەرنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىگە خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەر، قەستەن قاتىللىق، باسقۇنچىلىق، بۇلاڭچىلىق، تۇتقۇن قىلىش، ئوت قويۇش، پارتلىتىش، خەتەرلىك بۇيۇملارنى تاشلاش ياكى تەشكىللىك زوراۋانلىق خاراكتېرلىك جىنايەت، قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىللىك جىنايەت، زەھەر ئېلىپ سېتىش جىنايىتى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى، تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى ئۆتكۈزگەن جىنايەتچىلەر، باشقا تەشكىللىك جىنايەت ئۆتكۈزگەن باش جىنايەتچىلەر، تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر؛ ئىككىنچى، 2-، 3-، 4-، 9- تۈردىكى ئوبيېكتلار ئىچىدىكى قالدۇق جازا مۇددىتى ئون يىلدىن يۇقىرى بولغانلار ۋە يەنىلا مۇددەتسىز قاماق جازاسى، ئۆلۈم جازاسى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلار؛ ئۈچىنچى، ئىلگىرى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىنغان، يەنە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكتىن جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلار؛ تۆتىنچى، جىنايىتىنى تونۇمىغانلار، پۇشايمان قىلمىغانلار؛ بەشىنچى، باھالاش ئارقىلىق رېئال ئىجتىمائىي خەۋپ خاراكتېرىگە ئىگە دەپ قارالغانلار.

دۆلەت رەئىسىنىڭ ئالاھىدە كەچۈرۈم پەرمانىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2019- يىلى 6- ئاينىڭ 29- كۈنى يۇقىرىقى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان جازا ئۆتەۋاتقان جىنايەتچىلەر، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە كېسىم چىقارغاندىن كېيىن، قويۇپ بېرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.