20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 14- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ
شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى 6- ئاينىڭ 29- كۈنى كەچقۇرۇن، ياپونىيەنىڭ دابەندە ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 14- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ خې، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھ خادىملار شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ كەلدى.
شۇ يەر ۋاقتى 6- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ دابەندىن ئايرىلىپ يولغا چىقىپ دۆلەتكە قايتتى.