تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قانۇن بويىچە ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش قانۇنچىللىق روھىنى نامايان قىلدى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

قانۇن جاھاننى تىنچلاندۇرىدۇ، ئەخلاق كىشى قەلبىنى ئىللىتىدۇ.

6- ئاينىڭ 29- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس ئالاھىدە كەچۈرۈم پەرمانى ئىمزالاپ، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11- يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانغان بىر قىسىم جازا ئۆتەۋاتقان جىنايەتچىنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى قارارغا ئاساسەن، 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن بۇرۇن خەلق سوت مەھكىمىسى چىقارغان كۈچكە ئىگە ھۆكۈمى بويىچە جازا ئۆتەۋاتقان توققۇز تۈرلۈك جىنايەتچىلەرنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، بىر قىسىم جازا ئۆتەۋاتقان جىنايەتچىلەرنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بېكىتىلگەن ئالاھىدە كەچۈرۈم تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتىكى يەنە بىر قېتىملىق مۇھىم ئەمەلىيەت، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى بولۇپ، مۇھىم، زور سىياسىي ئەھمىيەتكە ۋە قانۇنچىللىق ئەھمىيىتىگە ئىگە.

ئالاھىدە كەچۈرۈم خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان، مۇھىم تارىخىي تۈگۈن نۇقتىسىغا دۇچ كەلگەندە دۆلەت مۇئەييەن جىنايەتچىلەرنىڭ قالدۇق جازاسىنى كەچۈرۈم قىلىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك تۈزۈمى. دۆلىتىمىزدە تاڭ سۇلالىسىدىن باشلاپلا «گۈللەنگەن دەۋردە جىنايەتچىلەرنى كەچۈرۈم قىلىش»تەك تارىخىي ئەنئەنە شەكىللەنگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن 1975- يىلىغىچە، دۆلىتىمىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەتتە قېتىم ئالاھىدە كەچۈرۈم ئېلىپ بارغان. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن، 2015- يىلى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، دۆلىتىمىز يەنە 31 مىڭ 527 جىنايەتچىنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

2019- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلگە كىرگەن ئاچقۇچلۇق يىل. بۇ مۇھىم تارىخىي پەيتتە، بىر قىسىم جىنايەتچىلەرگە ئالاھىدە كەچۈرۈمنى يولغا قويۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدىكى جازا بېرىشتە ئېھتىياتچان بولۇپ جىنايەتچىلەرگە غەمخورلۇق قىلىش، جازا ئارقىلىق تەربىيەگە ئىگە قىلىشتەك ئېسىل ئەنئەنىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلغانلىقى ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىشەنچىسى ۋە تۈزۈم ئىشەنچىسىنى نامايان قىلىشقا پايدىلىق؛ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتەك ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا پايدىلىق؛ كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاش بىرلەشتۈرۈلگەن جىنايى ئىشلار سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە كەچۈرۈمنىڭ دەۋەت قىلىش ئۈنۈم ئېففېكتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پاسسىپ ئامىلنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاكتىپ ئامىلغا ئايلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق؛ دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەدلىيە كاپالىتى سەۋىيەسىنى نامايان قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ ئوچۇق، دېموكراتىك، قانۇنچىل، مەدەنىي بولغان خەلقئارا ئوبرازىنى تىكلەشكە پايدىلىق.

دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساس خاراكتېرلىك، كاپالەت خاراكتېرلىك رولغا ئىگە. بۇ قېتىمقى ئالاھىدە كەچۈرۈمدە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى. توققۇز تۈرلۈك ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەر ئىچىدە، بەزىلىرى مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشقا تۆھپە قوشقانلار، ئۇلارنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلغاندا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېمىسىنى گەۋدىلەندۈرگىلى بولىدۇ. بەزىلىرى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن ئىلگىرى تۆھپە قوشقانلار، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ۋە ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن ئىلگىرى تۆھپە قوشقانلار، دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، ۋەتەننى قوغداش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىلگىرى تۆھپە قوشقانلار، ۋەھاكازالار، ئۇلارنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش بۇ قېتىمقى ئالاھىدە كەچۈرۈمنىڭ مەقسىتىگە ئۇيغۇن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزۈش، ئېغىر جىنايى ئىشلار جىنايىتى ئۆتكۈزۈش، تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى ئۆتكۈزۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋالدىكى جىنايەتچىلەرنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلماسلىقتا، ھازىرقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يەنىلا كەسكىن بولۇۋاتقان ۋەزىيىتى تولۇق ئويلىشىلغان، ھەم خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى قوغداش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئېھتىياجى تولۇق ئويلىشىلغان بولۇپ، روشەن قانۇنچىللىق روھى نامايان قىلىندى.

بۇ قېتىمقى ئالاھىدە كەچۈرۈمدە ياخشى سىياسىي ئۈنۈم، قانۇن ئۈنۈمى، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جەزمەن ئاكتىپ، ئېھتىياتچان بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى كۆزلەپ، ھەم ھازىرقى دۆلىتىمىزدىكى جىنايى ئىشلار جىنايىتى قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋاللارنى ئويلىشىپ، تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرىلەش تەلىپى بويىچە ئالاھىدە كەچۈرۈم خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ جەزمەن ئادىل، ھەققانىي بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالاھىدە كەچۈرۈم ئوبيېكتلىرىنىڭ سالاھىيىتىنىڭ سېلىشتۇرغىلى بولماسلىق خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالاھىدە كەچۈرۈم شەرتىنى قاتتىق ئىگىلەش كېرەك؛ جەزمەن قانۇن بويىچە بېجىرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى قاتارلىقلار ئالاھىدە كەچۈرۈم تەكلىپى بېرىپ، خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاھىدە كەچۈرۈم دېلولىرىنى قاراپ چىقىپ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالاھىدە كەچۈرۈمنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىپ، ھەربىر ھالقىنى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بېجىرىش كېرەك؛ جەزمەن تەكشى، مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق جازا ئۆتەۋاتقان جىنايەتچىلەرگە قارىتىلغان ئىدىيە، ئەخلاق، قانۇنچىللىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىنىدىغان جىنايەتچىلەرنىڭ رېئال ئىجتىمائىي خەۋپ خاراكتېرى بار - يوقلۇقىنى باھالاپ ھەم ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەرگە قارىتا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى تەربىيە، باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئالاھىدە كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمىگەن جىنايەتچىلەرنىڭ خاتىرجەم ئۆزگىرىشى، ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىنغان كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتكە قايتقاندىن كېيىن قانۇن - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئالاھىدە كەچۈرۈم تۈزۈمىنىڭ يەنە بىر قېتىم يولغا قويۇلۇشى قانۇنچىللىق بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك سىياسىتىنى ئوچۇق جاكارلاپ، يېڭى دەۋردىكى گۈللەنگەن ئۇلۇغ دۆلەت ئوبرازىنى تىكلىدى. بۇ قېتىمقى ئالاھىدە كەچۈرۈم مۇقەررەر ھالدا قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۇزاق كەلگۈسىگە پايدىلىق بولۇشتىكى كاپالەتلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قانۇنچىللىق ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى