تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن ئۇچراشتى

6- ئاينىڭ 29- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن دابەندە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دابەن، 6- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چېن جى، خو شياۋگۇاڭ، لو جۈن) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 29- كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن دابەندە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلىلەر، نۆۋەتتىكى جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشى ھەمدە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىش بەلگىلەپ رولنى ئىگىلىدى، ماسلاشتۇرۇش، ھەمكارلىق، مۇقىملىقنى ئاساسىي رىتىم قىلغان جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا قوشۇلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى. جۇڭگو - ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيانقى 40 يىلنى ئەسلىسەك، خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش يۈزبەردى، ئەمما بىر ئاساسىي پاكىت باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمىدى، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگو - ئامېرىكا ھەمكارلاشسا ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، ئېلىشسا ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق بولدى، ھەمكارلىق سۈركىلىشتىن ياخشى، سۆزلىشىش تىركىشىشتىن ياخشى. نۆۋەتتە، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بىر قىسىم قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا گەرچە بەزى ئىختىلاپلار ساقلانغان بولسىمۇ، بىراق ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئىتى يۈكسەك دەرىجىدە يۇغۇرۇلغان، ھەمكارلىق ساھەسى كەڭ بولۇپ، ئاتالمىش توقۇنۇشۇش، تىركىشىش قىلتىقىغا چۈشۈپ قالماي، بەلكى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشى كېرەك. زۇڭتۇڭ ئەپەندى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىڭىزنى كۆپ قېتىم بىلدۈردىڭىز؛ سىز يەنە ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشىنى يۈزدەيۈز قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈردىڭىز. بۇ، بىز مۇستەھكەم ئىگىلەشكە تېگىشلىك توغرا يۆنىلىش. ئىككى تەرەپ مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بېكىتكەن پىرىنسىپ ۋە يۆنىلىش بويىچە، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ماسلاشتۇرۇش، ھەمكارلىق، مۇقىملىقنى ئاساسىي رىتىم قىلغان جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

ترامپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. مېنىڭ 2017- يىلى جۇڭگوغا قىلغان زىيارىتىم ھېلىمۇ ھازىرقىدەك ئېسىمدە، ئۇ مېنىڭ ئەڭ كۆڭۈللۈك بولغان بىر قېتىملىق زىيارىتىم. مەن ئىنتايىن قالتىس جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ۋە جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن ئىنتايىن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. مېنىڭ جۇڭگوغا قارىتا دۈشمەنلىشىش غەرىزىم يوق، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاشنى قەدىرلەيمەن، جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايمەن. ترامپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بېكىتكەن پىرىنسىپ ۋە يۆنىلىش بويىچە، تىرىشىپ خىزمەت ئىشلەپ، ماسلاشتۇرۇش، ھەمكارلىق، مۇقىملىقنى ئاساسىي رىتىم قىلغان ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم ئامېرىكا - جۇڭگو باشلىقلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىنىڭ ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىقتىساد - سودا مەسىلىسى توغرىسىدا شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نېگىزدىن ئېيتقاندا، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ ماھىيىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىش. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى تەرەپتە غايەت زور مەنپەئەت ئورتاقلىقى مەۋجۇت، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق ياخشى ھەمراھلىرىدىن بولۇشى كېرەك، بۇ جۇڭگوغا پايدىلىق، ئامېرىكىغا پايدىلىق، پۈتۈن دۇنياغىمۇ پايدىلىق. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن داۋاملىق سۆھبەتلىشىپ، ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سەمىمىيىتى بار، ئەمما، سۆھبەت باراۋەر بولۇشى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشنى نامايان قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشى كېرەك. جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە، جۇڭگو جەزمەن ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. دۇنيادىكى ئالدىنقى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنى ئاخىرقى ھېسابتا سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق، ئۆزئارا ھەممەيلەن قوبۇل قىلالايدىغان چارىنى تېپىپ ھەل قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشىنى، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىساد - سودا سېلىنمىسى جەھەتتىكى نورمال ھەمكارلىقى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ نورمال ئالماشتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ترامپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا تەرەپ كېڭىشىش ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ سودا تەڭپۇڭلۇقىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنى ئادىل مۇئامىلە بىلەن تەمىنلەشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئامېرىكا تەرەپ ئەمدى جۇڭگونىڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىدىن يېڭىدىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئالمايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئامېرىكىدىن قىلىدىغان ئىمپورتنى كۆپەيتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۆزئارا ھەممەيلەن قوبۇل قىلالايدىغان سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىشنى خالايدۇ، بۇ، تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى باراۋەر بولۇش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئىقتىساد - سودا كېڭىشىنى قايتا باشلاشقا، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئەمدى جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىدىن يېڭىدىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئالماسلىقىغا قوشۇلدى. ئىككى دۆلەت ئىقتىساد - سودا ئۆمىكى كونكرېت مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.

ترامپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگودا نۇرغۇن ئىنتايىن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى بار. مەن ئىزچىل جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇشىنى قارشى ئېلىپ كەلدىم.

شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى پىرىنسىپال مەيدانىنى شەرھلىدى. ترامپ مۇنداق بىلدۈردى: مەن جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىمەن، ئامېرىكا تەرەپ داۋاملىق بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىدىكى پىرىنسىپال مەيدانىنى قايتا تەكىتلەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا - چاۋشيەن رەھبەرلىرىنىڭ سۆزلىشىش، ئۇچرىشىشنى ساقلىشىنى قوللايدۇ، ئامېرىكا - چاۋشيەن ئىككى تەرەپنىڭ جانلىقلىقنى نامايان قىلىپ، بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، سۆزلىشىشنى ئىمكانقەدەر تېز قايتىدىن باشلاپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ. ترامپ مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىدىكى مۇھىم رولىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى ساقلاشنى خالايدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئو، مالىيە مىنىستىرى منۇچىن قاتارلىق كۆپلىگەن ھۆكۈمەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.