تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغدايدىغان ھەققانىيەت كۈچىنى يەڭگىلى بولمايدۇ

− مۇقەررەر غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزورچىسى

ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشچان، چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدىغان بولۇپ، يەككە تەرەپچىللىك ۋە قورۇقچىلىق خەلقئارا ئىقتىسادىي تەرتىپكە ئېغىر زەربە بېرىپ، دۇنيا ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن خەۋپ - خەتەر ۋە ئېنىقسىزلىق كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، يەر شارىۋى تەرەققىيات مۇھىم ئۆتكەلدە تۇرۇۋاتىدۇ. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەپ، تومۇرىنى توغرا تۇتۇپ، رېتسېپىنى ياخشى يېزىپ، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە. خۇددى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس ئېيتقاندەك، بۈگۈنكى دۇنيا «ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتقا قارىغاندا كۆپ تەرەپچىللىككە تېخىمۇ موھتاج».

مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەر شارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپە قوشقۇچىسى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولدى. «مەرد مەيداندا سىنىلار، ئالتۇن ئوتتا تاۋلىنار». يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق تەتۈر ئېقىنىنىڭ ئەۋج ئېلىشى ئالدىدا، جۇڭگو كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەر شارىۋى تەرەققىياتقا ئۈزلۈكسىز ئاكتىپ كۈچ قوشتى. ئالتە يىلدىن بۇيان، 150تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىدىيەسى ۋە كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىگە گۇۋاھ بولماقتا. «جۇڭگو كۆپ تەرەپچىللىك، خەلقئارا قائىدە ۋە ئەركىن سودىنى قوغدايدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى»، 23- قېتىملىق ساينت پېتېربۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىدە، جۇڭگونىڭ تۆھپىسى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى.

ئەخلاقلىق كىشى يالغۇز قالمايدۇ، جەزمەن ھەمراھى بولىدۇ. كۆپ تەرەپچىللىكنى تەشەببۇس قىلىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش جۇڭگونىڭ قەتئىي تاللىشى بولۇپلا قالماي، دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتنىڭمۇ ئورتاق تاللىشى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى مەركەز قىلغان كۆپ تەرەپلىك خەلقئارا سىستېما ھەمكارلىشىپ يەر شارىۋى خاراكتېرلىك مەسىلە ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇردى؛ ياۋروپا ئىتتىپاقى، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، ئافرىقا ئىتتىپاقى، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى قاتارلىقلار رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتتى؛ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، ئەزا دۆلەتلەر دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئورنى ۋە رولىنى قوغداش ۋە كۈچەيتىش توغرىسىدا ئورتاق مەيدان شەكىللەندۈردى... ئەمەلىيەت شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتى چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان، بار - يوقنى تەڭ كۆرىدىغان بۈگۈنكى كۈندە، تىنچلىق، تەرەققىيات − دەۋر ئېقىمى، كۆپ تەرەپچىللىك − توغرا يول، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش − زور ۋەزىيەت يۈزلىنىشى.

ھوشيار بولۇشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق ئاچا يولىدا بارغانسېرى تېيىلغانسېرى يىراقلاپ كەتتى − ھە دېسىلا ئاخىرقى چەك بېسىمى ئىشلىتىپ، كەينى - كەينىدىن توپتىن چېكىنىپ ئەھدىنامىنى بۇزۇپ، باشقىلارغا بېسىم ئىشلىتىشتە ۋاسىتە تاللىماي، شەخسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن خەلقئارا سودا قائىدىسىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلدى، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. «ئەگەر بۈگۈن مېنى <بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى>خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى قايتىدىن بەرپا قىلغىلى قويسا، مەن پەقەت بىرلا دائىمىي ئەزا دۆلەت تەسىس قىلاتتىم، چۈنكى شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن يەر شارىۋى كۈچنىڭ تارقىلىشىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرگىلى بولىدۇ.» ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى بولتوننىڭ بۇ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرى بىر تەرەپتىن ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان زومىگەرلىك پىسخىكىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

يوللۇقلار ياردەمگە ئېرىشىدۇ، يولسىزلار يېتىم قالىدۇ. ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرى ئۇلار كۆزلىگەندەك «قايتا ئۇلۇغ»لۇق ئېلىپ كەلمەيلا قالماي، ئەكسىچە ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتنى يوقاتتى، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتتۇرۇپ قويدى، «ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى يەر شارىۋى سىستېمىدىن مۇستەسنا بولالمايدۇ» «قەتئىي ھالدا جۇڭگو بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇش» «يەككە تەرەپلىك زومىگەرلىك قىلمىشىغا ئورتاق قارشى تۇرۇش»... ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگىچە، ئاسىيا قىتئەسىدىن ئامېرىكا قىتئەسىگىچە، بارغانسېرى كۆپ چەت ئەل پارتىيەلىرى، سىياسىي ئەربابلىرى ۋە خەلقئارادىكى مەشھۇر زاتلار يەككە تەرەپچىللىككە ئارقا - ئارقىدىن قارشى تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەرىپلىدى. بۇ دەل ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشتىكى خەلقئارالىق ئورتاق تونۇش، دەل كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداشتىكى كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى.

بۈگۈن، دۇنيا ئىقتىسادى يەنە بىر ئاچقۇچلۇق پەيتكە كەلدى، پەقەت توغرا تاللىغاندىلا، ئاندىن پارلاق كەلگۈسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. تىنچلىق، تەرەققىياتنىڭ دەۋر ئېقىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغدايدىغان ھەققانىيەت كۈچىنى يەڭگىلى بولمايدۇ. كۆپ تەرەپچىللىك بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشۇپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ گۈللەنگەن گۈزەل دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى