تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

جەينەكنى ئۇرۇۋالسا نېمىشقا سەزمەس بولۇپ قالىدۇ؟

نۇرغۇن كىشىنىڭ مۇنداق سەرگۈزەشتىسى بولغان بولۇشى مۇمكىن: بەزىدە دىققەتسىزلىكتىن جەينەكنى ئىشىك گىرۋىكىگە ئۇرۇۋالساق، پۈتۈن بىلىكىمىز بىر پەس زىڭىلداپ كېتىدۇ ھەمدە بۇ زىڭىلداش بىلەكتىن قول ۋە بارماقلارغىچە تارقىلىپ، بىر پەستىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ. نېمىشقا بۇنداق سېزىم بولىدۇ؟ چۈنكى جەينىكىمىزدە «ئۇيۇشۇش پەيلىرى» بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، جەينەكتىكى «ئۇيۇشۇش پەيلىرى»نىڭ ئىلمىي نامى بىلەك نېرۋىسى، بىلەك سۆڭىڭى ئۇچى سوقۇلغاندا جەينەك قىسمىدا پەيدا بولغان ئۇيۇشۇپ، سانجىپ ئاغرىش تۇيغۇسى ئۇ يەردىكى سۆڭەكتىن كەلگەن بولماستىن، بەلكى بىلەك نېرۋىسىدىن كەلگەن. بىلەك ئېگىلگەندە، بۇ نېرۋىلار كۆپۈپ چىقىپ، تېرە ۋە ياغنىڭ قوغدىشىغىلا تايىنىدىغان بولغاچقا، ئاسانلا سوقۇلۇپ كېتىدۇ. بىلەك نېرۋىسى بىلەك چىگىچى نېرۋىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بىلەكنى بويلاپ بارماق ئۇچىغا مېڭىش جەريانىدا نۇرغۇن يوشۇرۇن قىسىلىپ قالغان ئورۇن بار بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇن دەل جەينەك بوغۇمىغا جايلاشقان بىلەك نېرۋا ئېرىقچىسىدۇر.

كۈندىلىك تۇرمۇشتا دىققەتسىزلىكتىن «ئۇيۇشۇش پەيلىرى»گە تېگىپ كەتسە، بىلەكنى توختىماي سىلكىپ، تىترىتىپ بەرسىلا ئاغرىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. لېكىن بىز ئۇزۇن ۋاقىت بىلەك نېرۋىسى قىسىمىنى قىسىپ قويغان بولساق، ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك.

ئادەم قولىنىڭ ھەرىكىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، بۇنى ئاساسلىقى بارماق ھەرىكىتىنى ئاساسلىق باشقۇرىدىغان بىلەك مۇسكۇل توپى بىلەن قولنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كىچىك مۇسكۇل توپى بىرلىكتە تاماملايدۇ، بۇ مۇسكۇللار يەنە مۇناسىپ نېرۋا توقۇلمىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۇچرايدۇ، بۇ ئەتراپ بىلەك چىگىچى نېرۋىسى ۋە ئۇنىڭ تارماق ئوتتۇرا نېرۋىسى، بىلەك نېرۋىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىلەك نېرۋىسى ئىنتايىن مۇھىم. ئادەتتە بىز تېگىپ كەتسەك، بىلەك نېرۋىلىرىنى تاسادىپىي غىدىقلاپ قويساقلا، بىلەك نېرۋىسى ئىگىلىگەن قىسىمدىكى تېرىدە ئۇيۇشۇش سېزىمى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئورۇن ئۇزۇن ۋاقىت قىسىلىپ قالسا، جەينەكسىمان تۇرۇبا يىغىندى كېسەللىكى پەيدا بولۇشى مۇمكىن. جەينەك بوغۇمىدىكى بىلەك نېرۋىلىرى قىسىلىپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان جەينەكسىمان تۇرۇبا يىغىندى كېسەللىكى يەنە «كېچىكىپ پەيدا بولىدىغان بىلەك نېرۋىسى ياللۇغى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، قول قىسمىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل نېرۋىلار قىسىلىپ قېلىش يىغىندى كېسەللىكىدۇر. جەينەك بوغۇمىنىڭ بەدەن ھالىتى مۇۋاپىق بولماسلىق، تەكرار ھەرىكەت قىلىش ۋە يارا زورۇقۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

جەينەكسىمان تۇرۇبا يىغىندى كېسەللىكىنىڭ كونكرېت ئىپادىلىرى مۇنداق: قولنىڭ بىلەك تەرىپىدىكى ئىككى بارماق (يەنى نامسىز بارماق ۋە چىمچىلاق بارماق) ئۇيۇشۇپ ئاغرىيدۇ، قول ئىچكى مۇسكۇلى يىگىلەيدۇ ۋە ماغدۇرسىزلىنىدۇ، قولنىڭ ئىنچىكە ھەرىكىتى جانلىق بولمايدۇ، مەسىلەن، كۈندىلىك تۇرمۇشتا تۈگمە ئېتىش، چوكا ئىشلىتىش، ساز چېلىش، گۈل كەشتىلەش، پىلىك ئېشىش، قەلەمدە خەت يېزىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئورۇندىغىلى بولمايدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا ھالقىسىمان چىمچىلاق «پەنجىسىمان قول» غەيرىيلىكى قاتارلىق بىر قاتار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە ھەمدە ئۇدا بىر نەچچە كۈن پەسەيمىسە، بالدۇرراق دىياگنوز قويۇش ۋە تەدبىر قوللىنىشقا قولاي بولۇشى ئۈچۈن، چوقۇم تېزدىن مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈش كېرەك.

جەينەكسىمان تۇرۇبا يىغىندى كېسەللىكىنى داۋالاشتا، نۆۋەتتە بار بولغان بىر نەچچە خىل ئۇسۇل بولسا: بىرىنچى، دەسلەپكى مەزگىلدە ناچار بەدەن ھالىتىنى ئۆزگەرتىش، مەسىلەن: سىرتقى قىسمىنى مۇقىملاشتۇرۇش. ئىككىنچى، نېرۋا ئوزۇقلۇق دورىلىرىنى ئىستېمال قىلغاندا ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالىغاندا، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەسەيتكىلى، ھەتتا داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ. ئۈچىنچى، ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش، ئوپېراتسىيەدە بىلەك نېرۋىسىنىڭ بېسىمغا ئۇچراش دەرىجىسى ۋە جەينەك قىسىمىنىڭ سىقىلىش ئامىلىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان ئوپېراتسىيە لايىھەسىنى تاللاش كېرەك. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئەسلىگە كېلىش ئۈنۈمى ئوپېراتسىيەدىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئوپېراتسىيە قانچە بالدۇر قىلىنسا ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ياخشى مەشغۇلات ھالىتىنى ساقلاش مۇناسىۋەتلىك زەخمىلەردىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. ئۈستەلگە باغىرلاپ خىزمەت قىلغاندا، ئورۇندۇق ئۈستەل قىرىدىن يىراقراق بولۇشى، ئۈستەل قىرىغا يۆلىنىپ ئولتۇرماسلىق كېرەك؛ بېغىش كۇنۇپكا تاختىشى ئۈستىدە ئىمكانقەدەر تۈز ھالەتتە مەشغۇلات قىلىشى، ئەگرىمۇ بولماسلىقى، ساڭگىلاپ قالغان ھالەتتىمۇ بولماسلىقى كېرەك؛ جەينەك ئىچكى ئوتتۇرا نېرۋىلىرىنىڭ بېسىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، جەينەك قىسمىنىڭ خىزمەت بۇلۇڭى 90 گىرادۇستىن چوڭ بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : mutallip

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى