تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو - ئافرىقا رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دابەن، 6- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جياڭ گوپېڭ، خۇاڭيىن جيازىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 28- كۈنى دابەندە جۇڭگو - ئافرىقا رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئىلگىرىكى ئافرىقا تەرەپ ئورتاق رەئىس دۆلىتى جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ھازىرقى ئافرىقا تەرەپ ئورتاق رەئىس دۆلىتى سېنېگال زۇڭتۇڭى سال ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىنى قوللاش، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇلتۇر 9- ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرى باشلاندى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ. مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەيلى ئايرىم كۈچلەرنىڭ قانداق توسقۇنلۇق قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتەك ئەسلىي مەقسىتى ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش ئىرادىسىدىن تەۋرەنمەيدۇ.

شى جىنپىڭ ئۈچ نۇقتىلىق تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى:

بىرىنچى، بىز ئورتاق پايدا ئالىدىغان تەرەققىياتنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرىدىن جۇڭگو - ئافرىقا خەلقلىرىنى تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلەندۈرىمىز. جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئافرىقا ئىتتىپاقى «2063- يىل قارالمىسى»، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2030- يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى، ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، جۇڭگو - ئافرىقا خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان پايدا ئېلىپ كېلىمىز.

جۇڭگو تەرەپ ھەقىقىي يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسى ۋە توغرا ھەققانىيەت - مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئافرىقىغا بەرگەن ۋەدىسىنى كەم - كوتسىز نەقلەشتۈرۈپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۇزاققىچە قوللاپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشى ۋە بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

ئىككىنچى، بىز ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقنىڭ يېتەكلىگۈچىلىرىدىن بولۇپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز. خەلقئارانىڭ ئافرىقىغا قارىتىلغان ھەمكارلىقىدا ئافرىقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئافرىقىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش، ئافرىقىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئۆزىنى ھەممىدىن قالتىس چاغلايدىغان، ئۆزىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئۆزى پايدا ئالىدىغان ھەرقانداق ئۇسۇلنىڭ ھەممىسى كىشىنى بىزار قىلىدۇ، قارشى ئېلىنمايدۇ.

جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافرىقىغا قارىتىلغان سېلىنمىنى زورايتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يەر شارىۋى خىرىسلارغا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئافرىقا تەرەپنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارادىكى ھەمراھلار بىلەن ئافرىقىدا ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ.

ئۈچىنچى، بىز كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇپ، خەلقئارا تەرتىپنى قوغداشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز. مەدەنىيلىكنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە تەرەققىياتنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا قورۇقچىلىق، يەككە تەرەپچىللىك، زومىگەرلىك قىلمىشلىرى، مەدەنىيلىك توقۇنۇشى نەزەرىيەسىگە قارشى تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئەركىن سودا تۈزۈلمىسىنى ئورتاق قوغداپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئورۇنلۇق دەۋا تەلەپلىرى ۋە ھەققانىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە تولۇق ئېتىبار بېرىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئاكتىپ قوغدايمىز.

جۇڭگو تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سەھنىدە ئافرىقا دۆلەتلىرى ئۈچۈن ھەققانىي سۆز قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك بايلىقنىڭ ئافرىقىغا مايىللىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافرىقىنىڭ ئۆز ئالدىغا تىنچلىقنى قوغداش ھەرىكىتىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشىگە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ئافرىقىنىڭ ئۇزاققىچە ئەمىن بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنى پۇرسەت بىلىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە، ئىستراتېگىيەلىك پىكىرلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ خەلقئارا ۋەزىيەت تەرەققىياتىغا ئاكتىپ كۈچ قوشۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتكە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

يىغىنغا قاتناشقان ئافرىقا تەرەپ رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگو - ئافرىقا رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزۈشى ئافرىقىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئافرىقا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن مۇناسىۋەتنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇلتۇر ئېچىلغان جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ۋە ئەمدىلا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ماسلاشتۇرغۇچىلار يىغىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ئافرىقا - جۇڭگو ھەمكارلىقى ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ھەرىكەتنى يېتەكچى قىلغان، قۇدرەتلىك، كۈچلۈك زاپاس كاپالەت مېخانىزمىغا ئىگە بولۇپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ رېئال ئېھتىياجىغا ناھايىتى ياخشى جاۋاب قايتۇردى. ئافرىقا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن قوشقان ئاكتىپ تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ ئەزەلدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. باشقا دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونى ئۈلگە قىلىپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، تەرەققىيات مەبلىغى بىلەن تەمىنلەپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئافرىقا دۆلەتلىرى جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا بېكىتىلگەن «سەككىز چوڭ ھەرىكەت»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پائال تۈردە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان ئافرىقا - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىدۇ. ئافرىقا بىلەن جۇڭگو قول تۇتۇشۇپ كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئەركىن سودا سىستېمىسىنى قوغداپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2030- يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەھمىيىتىنىڭ مۇھىم، زورلۇقىغا ئىشىنىمىز. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقى ۋە ئافرىقىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى قوللايدۇ.

ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر بىلەن بىرمۇبىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار ئۇچرىشىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.