تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9- نۆۋەتلىك 7- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

«ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، دىققەتنى <ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش>تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى     چېن چۈەنگو سۆز قىلدى

6- ئاينىڭ 28- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك كومىتېتى 7- ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

(مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

6- ئاينىڭ 28- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك كومىتېتى 7- ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. سۈرەتتە: يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈش.

(مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 28- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك كومىتېتى 7- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تەتقىق قىلىندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، كۈچنى جۇغلاپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قەتئىي ھالدا قىيىننىڭ قىيىنىغا ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق نامرات ئاھالىنىڭ قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىللە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىندى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، دىققەتنى <ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش>تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ۋاڭ جۈنجېڭ، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ئومۇمىي يىغىندا چېن چۈەنگونىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ قورغاننى ئالىدىغان ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نۇقتىسىغا كىردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، بۇ يىل، كېلەر يىلى ئىككى يىلدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەشكە قارىتا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىشقا قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ ئاتاكا سىگنالىنى ياڭرىتىپ، بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئەۋزەللىك ۋە تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، مەركەز بىرتۇتاش پىلانلاش، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش خىزمەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت ۋەزىيىتىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانى ۋە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامراتلار توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، نامرات ئاھالىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەپ قوزغىتىپ، نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇش ئاساسىنى كۈچەپ پۇختىلاپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، نامراتلىققا ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، 2020- يىلىغا بارغاندا قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھەم ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماي، ئۆلچەمنى يۇقىرىلىتىۋەتمەي، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەي، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ساختىلىق ئىشلەتمەي، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەي، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەي، ھەم ئالدىغا ئۆتۈۋالماي، ھەم قەستەن كەينىگە سۆرىمەي، 2020- يىلىغا بارغاندا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەمدە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشقا، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەۋقەنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مۇقىملىقنى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش، قەتئىي تەۋرەنمەي نامراتلارنى يۆلەشنى تۇتۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاممىۋى ئاساس سېلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئومۇمىي ھۇجۇم نىشانىنى چىڭ ئىگىلەپ، دىققەتنى قىيىن نۇقتا، مۇھىم نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچ توپلاپ، قىيىنىنىڭ ئەڭ قىيىنىغا ھۇجۇم قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشتا كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك. ئەڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىدىن باشلاپ قول سېلىپ، ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۆزلەپ، ئەڭ ئاجىز ھالقىلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيلەردە تۇرۇش تارىخىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىش كېرەك؛ يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، يېزىلاردىكى بارلىق ئاھالىنى بىخەتەر سۇ، خاتىرجەم سۇ ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈشتە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك. دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى ھەقىقىي تۈردە دەل جايىدا يۆلەش، مەنبەدىن يۆلەش، ئائىلىلەرگىچە يۆلەش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، مەبلەغ، تۈر جەھەتتە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك. تۈرلۈك نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» تۈرلىرىگە مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن مەبلىغىنى ئالدى بىلەن «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىپ، ھەربىر پۇڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى، ھەربىر نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى ھەقىقىي ياخشى باشقۇرۇپ، نامرات ئاممىغا ئەڭ زور دەرىجىدە نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. تۆتىنچىدىن، سىياسەتتە كاپالەتلەندۈرۈشتە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئالاقىدار يانداش سىياسەت، تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ياخشى ھەمتۈرتكە بولىدىغان، ئورتاق كۈچەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بەشىنچىدىن، كۈچنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ نامراتلارنى يۆلەش، نۇقتا بويىچە ياردەم بېرىش - يۆلەش، رايون ئىچىدە ھەمكارلىشىپ نامراتلارنى يۆلەش، جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «تۆت بىر گەۋدە» كەڭ كۆلەمدە نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىيىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتنىشىش بىرىكمە كۈچىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇجەسسەملەش كېرەك. ئالتىنچىدىن، مەسىلىنى تۈزىتىشتە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك. مەركەز مەخسۇس كۆزىتىپ قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى خىزمەتتە بايقالغان مەسىلىلەر بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تۈزىتىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ھەل قىلىپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىش، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىش كېرەك. يەتتىنچىدىن، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى توسۇشتا كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك. چېكىنىش ئۆلچىمىنى چىڭىتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى نازارەت قىلىش، ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسەتلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەر نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ مەسئۇلىيەتنى تاشلىماسلىق، سىياسەتنى تاشلىماسلىق، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى تاشلىماسلىق، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تاشلىماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلسىمۇ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى توختىتىپ قويماي، قايتىدىن نامراتلىشىپ كېتىش ۋە يېڭى نامرات ئاھالىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئۈنۈملۈك توسۇش كېرەك. سەككىزىنچىدىن، ئىرادە جەھەتتە يۆلەش، ئەقىل جەھەتتە يۆلەشتە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك. تەربىيەلەش - يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش شەكلىنى ياخشىلاپ، تىپلار ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەشنى زورايتىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك. توققۇزىنچىدىن، ئاساسنى پۇختىلاشتا كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشتا قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كۈچلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى زورايتىپ، نامرات كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللەش كۈچىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، ئۆزى تۇتۇشى كېرەك؛ ئېغىر نامرات رايونلاردىكى پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ۋىلايەتلىك، ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرى بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇشى، ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىش تەقسىملەپ مەسئۇل بولۇشى، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشى كېرەك؛ ھەرقايسى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى، 1- شۇجىلار ۋە نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرلىرى ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا نامرات ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، بىللە ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەش كېرەك؛ <<ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى>> پائالىيىتىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى يەڭگىل جابدۇندۇرۇپ سەپەرگە ئاتلاندۇرۇش كېرەك؛ نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى چىڭىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تىپلار ئارقىلىق يېتەكلەشنى زورايتىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە ھەممە ئادەم كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھەممە ئادەم مەدەت بېرىدىغان، ھەممە ئادەم قاتنىشىدىغان قويۇق كەيپىياتنى يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئېنىق، روشەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك، ئاچقۇچ تولۇق، توغرا ئۆزلەشتۈرۈشتە، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم - كوتسىز ياخشى تۇتۇشتا. توغرا نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىش ئورنىنى بازا بىلىپ ساقلاپ، خىزمەتنى كەسىپ بىلىپ ئىشلەپ، تۆھپە قوشۇشنى مەجبۇرىيەت دەپ بىلىپ، چاقماقتەك ھەرىكەت قىلىش بىلەن بوشاشماي تىرىشىشنى بىرلەشتۈرۈپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۇختا ياخشى قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك مۇھىم نۇقتىنى پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى پۇختا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا پۇختا كاپالەتلىك قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پۇختا مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، دىنلار ئىناقلىقىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ - مەدەنىيەت ئىدېئولوگىيە ساھەسى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقىنى قوللاش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ ياخشى پۈتۈش كېرەك.

يىغىندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمى بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە چاقىرىق قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزاسى، كاندىدات ئەزاسى بولمىغان ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.