تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالىلارنىڭ مېڭىسىنى كۆپ ئىشلىتىشىنىڭ سېمىزلىك خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردىمى بولۇشى مۇمكىن

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 27-كۈنى تېلېگراممىسى: بالىلارنىڭ يېتىلىشىدىكى ئالاھىدە مەزگىلدە، چوڭ مېڭە زور مىقداردا ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدۇ، بۇ مەزگىلدە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىمۇ ئاستىلايدۇ. ئادەمنىڭ سەمرىشى ئېنېرگىيەنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنىڭ خورىشىدىن چوڭ بولغانلىقتىن بولىدۇ، ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى بۇنىڭدىن بىر خىل قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى بىلەن سېمىزلىك خەۋپى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش مەۋجۇت، دەپ قارىدى.

ئامېرىكا غەربىي شىمال داشۆسى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا ئامېرىكا «دۆلەت پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلمىي ژۇرنىلى»دا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، يۇقىرىقى قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ قاراشنى ئىسپاتلىغىلى بولسا، بۇ، بالىلارنىڭ بالدۇر تەربىيەلىنىشىنىڭ ھەممەيلەن بىلىدىغان پايدىسىدىن باشقا، يەنە چوڭ مېڭىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ئاشۇرۇپ، سېمىزلىك خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشتەك «كۈتۈلمىگەن پايدىسى» بار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، دېدى.

ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بەش ياشلىق بالىلارغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسى سەرپ قىلغان ئېنېرگىيە پۈتۈن بەدەننىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئىگىلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيە كۆپىيىۋاتقان تۆۋەن ياش باسقۇچىمۇ بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى ئاستىلايدىغان مەزگىل ھېسابلىنىدىكەن؛ بالىلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىگە كېرەكلىك ئېنېرگىيە ئازىيىپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىمۇ مۇناسىپ تېزلىشىدىكەن.

تەتقىقاتچىلار ئەسلەپ تەھلىل قىلىش ئاساسىدا يەكۈن چىقىرىپ، بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە كېرەكلىك ئېنېرگىيەنىڭ ئۆزگىرىشى بالىلارنىڭ بەدىنىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىيات ئەندىزىسى ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش ئەندىزىسىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، دەپ قارىدى. ئىلمىي ماقالىنىڭ ئاپتورلىرىدىن بىرى، غەربىي شىمال داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىسى كىرىستوف كۇزاۋا مۇنداق دېدى: كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىدىكى يەككە پەرق توغرىسىدا بىلىدىغانلىرى ناھايىتى ئاز. بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىگە كېرەكلىك ئېنېرگىيەنىڭ ئۆزگىرىش ئەندىزىسىنى مىقدارلاشتۇرغىلى بولسا، قاراتمىلىقى بولغان دەسلەپكى تەربىيە سىستېمىسىنى ئېچىپ، ھەم چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ھەم سېمىزلىك خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردىمى بولۇشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : mutallip

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى